جەنۇبىي كورېيە نوردىك رايونى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ماگناتى نورۋېگىيە بىلەن راكېتا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، نوردىك رايونى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە بەل باغلىدى.
جەنۇبىي كورېيە نوردىك رايونى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ مۇداپىئە گىگانت شىركىتى نورۋېگىيە بىلەن راكېتا كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن كېيىن، شىمالىي ياۋروپا بىلەن تېخىمۇ كەڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۆزلەۋاتىدۇ. / Reuters
 

جەنۇبىي كورېيەنىڭ Hanwha Aerospace شىركىتى نورۋېگىيە قوراللىق قىسىملىرىنى 16 دانە Chunmoo كۆپ سىلىندىرلىق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان Hanwha Aerospace Co. ئۆتكەن ھەپتە نورۋېگىيە بىلەن ئۇزۇن مۇساپىلىك كۆپ سىلىندىرلىق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى ئېلان بايانات ئېلان قىلىپ، نوردىك رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ھەمراھى سۈپىتىدە رايوندىكى رولىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يۇنخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىركەت رەئىسى ۋە باش دىرېكتورى سون جائې-ئىل، نورۋېگىيەنىڭ Hanwha Aerospace شىركىتىنىڭ Chunmoo كۆپ سىلىندىرلىق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنى (MRLS) تاللىشىنىڭ، ئىلگىرى تاپشۇرۇپ بېرىلگەن K9 زەمبىرەكلىرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئىشەنچنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

سون: «نورۋېگىيە بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق نوردىك رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشقا ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك ھەمراھى سۈپىتىدىكى رولىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بەل باغلىدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. نورۋېگىيە مۇداپىئە ئەشيالىرى ئىدارىسى (NDMA) بىلەن ئىمزالانغان توختام دائىرىسىدە، Hanwha Aerospace شىركىتى نورۋېگىيە قوراللىق قىسىملىرىنى 16 دانە Chunmoo كۆپ سىلىندىرلىق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى، ئېنىق نىشانلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا يۈرۈشلۈكى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ئەشيا ئوبوروتى ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار كېلىدىغان بۇ كېلىشىم، نورۋېگىيە ئارمىيەسىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان 52 دانە K9 Vidar زەمبىرىكى ۋە 14 دانە K10 ئوق-دورا تولۇقلاش ماشىنىسى سىتېۋېلىشى بىلەن باشلانغان Hanwha Aerospace بىلەن نورۋېگىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئون يىلغا يېقىنلاشقان ھەمكارلىقنىڭ داۋامىدۇر.

شىركەت يەنە، بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە يەرلىك سىناقلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق نورۋېگىيە سانائىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
تۈركىيە شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
«قىزىلئەلما» دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
ئورۇچ رەئىس سېيسمىك تەتقىقات پاراخوتى پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى