ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ASEAN باشلىقلار يىغىنى مالايشىيادا باشلاندى
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) باشلىقلىرى يىغىنى نۆۋەتچى رەئىس مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كۇئالالۇمپۇردا باشلاندى.
ASEAN باشلىقلار يىغىنى مالايشىيادا باشلاندى
/ AP
2025-يىلى5-ئاينىڭ26-كۈنى

-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى  باشلىقلار يىغىنى مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا باشلاندى.

يىغىندا رايون رەھبەرلىرى ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى، بىرمادىكى توقۇنۇش ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىختىلاپ قاتارلىق مۇھىم رايونلۇق ھەم يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

«مالاي مەيل» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رەھبەرلەرنىڭ رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلار ۋە نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان قىيىنچىلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇ يىغىن دۈشەنبە كۈنى  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى بىلەن باشلانغان.

 نۆۋەتچى رەئىس سۈپىتىدە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا خەت يېزىپ، بۇ يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى - ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشىنى ۋە تاموژنا بېجى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئەنۋەر ئىبراھىم مۇنداق دېدى:

«ھەقىقەتەنمۇ گېئوسىياسىي تەرتىپتە بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، دۇنيا سودا سىستېمىسى ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمىلىك تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇشى بىلەن تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە قوغدىنىش سىياسەتلىرى قايتىدىن باش كۆتۈردى ھەمدە كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ ئاساسى تەۋرىنىپ قالدى.»

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ %10 دىن %49 گىچە بولغان تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. لېكىن، ترامپ ئۆتكەن ئايدا تاموژنا بېجىنىڭ ئۇدا 90 كۈن ۋاقىتلىق توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىىن كېيىن، بۇ دۆلەتلەر ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەتنى تېزلىك بىلەن باشلىدى.

 ئەنۋەر ئىبراھىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ «خالىغانچە ھەرىكەتلىرى» دىن كېلىپ چىققۇسى گېئوسىياسىي جىددىيچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 كۇئالالۇمپور خىتابنامىسى

 ئەنۋەر ئىبراھىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ھەر ۋاقىت كەڭ قورساقلىق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئوچۇق - ئاشكارا سودىغا تايىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئەمما ھازىر «گۈللىنىشنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى» تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۈچۈن تىنچلىقىمىز، مۇقىملىقىمىز ۋە گۈللىنىشىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن ئەركىن سودا، سەرمايە، ئىنسان كۈچى بايلىقى،  ئوچۇق – ئاشكارا ۋە كەڭ قورساق بولۇشنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان ھەم قائىدە – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىدىغان خەلقئارا تەرتىپكە ئىزچىل رىئايە قىلىپ كەلدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ پىرىنسىپلار ھازىر خالىغانچە ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىدە بۇزۇلۇۋاتىدۇ، ئىتتىپاقىمىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ چىداملىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.»

 باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دوست دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي شېرىك ئىكەنلىكىنى، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى –خىتاي – پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باشلىقلىرى يىغىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ASEAN پارلامېنتلار ئارا مەجلىسىنىڭ ۋەكىللىرى، ASEAN ياشلار ۋەكىللىرى ۋە ASEAN سودا مەسلىھەت كېڭىشى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىغىندا، «ASEAN 2045: ئورتاق كېلەچىكىمىز» تېمىلىق كۇئالالۇمپور خىتابنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھىندونېزىيە، ۋيېتنام، لائوس، برۇنېي، تايلاند، بىرما، فىلىپپىن، كامبودژا، سىنگاپور ۋە مالايشىيا قاتارلىق 10 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق تەشكىلاتتۇر.

ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى