سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىران يادرو پىروگراممىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە ئېمبارگولارنى ئىجرا قىلىشقا قارىتا پىكىر ئوخشىماسلىقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان بىر پەيتتە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى موسكۋا ۋە بېيجىڭنى تېھراننى قوغداش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىران يادرو پىروگراممىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىران يادرو پىروگراممىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ13-كۈنى

ۋاشىنگتون بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئىرانغا قارشى باشلىغان ئۇرۇشنى تېخىمۇ يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرى ئىراننىڭ يادرو نىيىتى مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا رۇسىيە ۋە خىتاينى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇشۇ ئاي رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان 15 ئەزالىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىرانغا قارىتىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېمبارگولىرىنى نازارەت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر كومىتېتنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەق بولالمىدى. مەزكۇر تەشەببۇس 11 گە قارشى 2 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى، 2 ئەزا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

كېڭەشتە سۆز قىلغان ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مايك ۋالتز موسكۋا بىلەن بېيجىڭنى «1737-نومۇرلۇق كومىتېت» نىڭ خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولۇپ، تېھراننى قوغداشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ۋالتىز مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ئىرانغا قارىتا قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى يۆتكەش ۋە ئۇنىڭ سودىسىنى مەنئىي قىلىشى، شۇنداقلا چېتىشلىق مال-مۈلۈكلەرنى توڭلىتىپ قويۇشى كېرەك. قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەلگىلىمىلىرى ئۆز بېشىمچىلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئىراننىڭ يادرو، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئادەتتىكى قورال پىروگراممىلىرى بىلەن ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان تېررورىزمنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دائىرىسى تارايتىلغان بەلگىلىمىلەردۇر.»

ۋالتز يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئېمبارگو كومىتېتىغا قارشى چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ «شېرىكى بولغان ئىراننى قوغداش ۋە يەنە بىر قېتىم مەنئىي قىلىنغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى» تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ يېقىندا ئىراننىڭ يادرو قورالى بولمىغان، ئەمما %60 دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىپ توپلاۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكرارلىغانلىقىنى ۋە تېھراننىڭ مەزكۇر ئامبارلارنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۈچ دۆلەت بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزيا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى. ئۇ ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىراننىڭ يادرو نىشانلىرى ھەققىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ: «بۇ تېھرانغا قارشى يەنە بىر ھەربىي تەۋەككۈلچىلىككە كىرىشىش ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى ۋەزىيەتنى زور دەرىجىدە جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن قىلىندى» دېدى.

 خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى فۇ سوڭمۇ ۋاشىنگتوننى شۇنىڭغا ئوخشاش تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكانى ئىران يادرو كىرىزىسىنىڭ «ئىغۋاگەرچىسى» دەپ ئاتىدى.

ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەمىر سەئىد ئىراۋانى بولسا مۇخبىرلارغا، تېھراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنىڭ «ھەر دائىم پەقەت تىنچلىقنىلا مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى» ۋە ئىراننىڭ ئېمبارگولارنى قايتا يۈرگۈزۈشتەك ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇرۇش ئېلان قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەگەر ئامېرىكا ئالدىنقى يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۈچ مۇھىم يادرو نىشانىنى ئوققا تۇتمىغان بولسا، ئىراننىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە يادرو قورالىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن، بەزى مەنبەلەر بۇ دەۋانىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئانالىزلىرى تەرىپىدىن قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئېمبارگولارنى قايتا يۈرگۈزۈشنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە، تېھراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئەندىشىلەرنى تۈگەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟