سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى ئاقدېڭىزغا كىردى
كەسكىن ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ سانى 17 گە يەتتى.
ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى ئاقدېڭىزغا كىردى
«جېرالد فورد» ئاۋىياماتكىسى. رويتېرس (ئارخىپ) / Reuters

جۈمە كۈنى (2026-يىلى 20-فېۋرال) ئامېرىكانىڭ «جېرالد فورد» (USS Gerald R. Ford) ناملىق ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئاق دېڭىزغا كىرگەنلىكى كۆرۈلدى. بۇ ئاۋىياماتكا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرققە كەڭ كۆلەمدە ھەربىي كۈچ توپلاش بۇيرۇقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن.

جەبىلتارىق بوغۇزى ئەتراپلىرىدىن تارتىلغان سۈرەتلەردە، ئاۋىياماتكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ئاقدېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقى كۆرۈندى.

ترامپ ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرققە بىر ئاۋىياماتكا ئەۋەتكەن ئىدى.

ئۇ جۈمە كۈنى ئەگەر سۆھبەت ئارقىلىق بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە بىكار قىلىنغان تېھران يادرو كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، ئىرانغا قارىتا «چەكلىك زەربە بېرىش» نى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي كۈچلىرى

پاراخوتلار

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاشىنگتوننىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرققە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 13 ئۇرۇش پاراخوتى بار، بۇلار بىر دانە ئاۋىياماتكا (ئابراھام لىنكولن)، توققۇز دانە قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە ئۈچ دانە قىرغاقتا جەڭ قىلىش پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكا بولغان «فورد» قا ئۈچ دانە قوغلىغۇچى پاراخوت ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ. بېكىتىلگەن ئورۇنغا يېتىپ بارغاندا، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 17 گە يەتكەن بولىدۇ.

ھەر ئىككى ئاۋىياماتكىدا مىڭلىغان دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرىدىن باشقا، ئونلىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن تەشكىللەنگەن ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىمۇ بار. ئوتتۇرا شەرققە بىرلا ۋاقىتتا مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى ئىككى ئاۋىياماتكىنىڭ كېلىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

ئايروپىلانلار

ئېكس (X)  تىكى خەلققە ئېچىۋېتىلگەن ئىستىخبارات بەتلىرى، ئايروپىلان ئىز قوغلاش تور بېكىتى «Flightradar24»  ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرققە يەنە ئاۋىياماتكىلاردىكى ئايروپىلانلاردىن سىرت، ئونلىغان باشقا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ئەۋەتىلگەن.

بۇلار  «F-22» راپتور (Raptor) ۋە «F-35» تىپلىق كۆلەڭگە ئايروپىلانلىرى، «F-15» ۋە «F-16» ئايروپىلانلىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئۇچۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان «KC-135» تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاۋا مۇداپىئەسى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندىكى نۇرغۇنلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدىغان قوغلىغۇچى پاراخوتلار، دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بازىلاردىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى

گەرچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ ئىرانغا قارىشى ھۇجۇم ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى كۈتۈلمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بازىلىرىدا ئون مىڭلىغان ئەسكىرى بار.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى