تۈركىيە ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئىتتىپاق ئىچىدىكى رولىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ۋە بىخەتەرلىككە قوشقان تۆھپىلىرى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ، 2026-يىلىدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەنقەرەنىڭ ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ناتونىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، ئىتتىپاق ئىچىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «بىز 1952-يىلىدىن بۇيان ئەزاسى بولغان ناتونىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 - يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. دۆلىتىمىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق سۇپىسى بولغان ناتودىكى يېتەكچىلىك رولىنى بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا ئوخشاش قەتئىيلىك ۋە 360 گرادۇسلۇق بىخەتەرلىك چۈشەنچىسى بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى، تەرەققىي قىلغان ھەربىي ئىقتىدارى ۋە دىنامىك مۇداپىئە سانائىتى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەمەلىي ۋە ئەتراپلىق تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە، 2026-يىلى 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى ئەنقەرەدە ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقى، بىزنىڭ ئىتتىپاققا بولغان سادىقلىقىمىزنىڭ قوشۇمچە بىر ئىپادىسىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئوخشاش سۇپىدىن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «1952-يىلىدىن بۇيان ئەزاسى بولغان ناتونىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 - يىللىقى مۇبارەك بولسۇن. دۆلىتىمىز ئىتتىپاققا ئەزا بولغان 1952-يىلىدىن بۇيانقىدەكلا، ئۈستىگە ئالغان بارلىق ۋەزىپە ۋە نىشانلارنى غەلىبىلىك ئورۇنداشنى، ناتونىڭ ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك ئەزاسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»