خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدىن كېيىنمۇ، ترامپ: «غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش خەۋپ ئاستىدا ئەمەس» دېدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى غەززەدە 91 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىنمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدىن كېيىنمۇ، ترامپ: «غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش خەۋپ ئاستىدا ئەمەس» دېدى
ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدىن كېيىنمۇ، ترامپ: «غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش خەۋپ ئاستىدا ئەمەس» دېدى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززەدىكى ئەجەللىك ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا قارىماي، ئامېرىكا قوللىغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇملاردا 24 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ، كەم دېگەندە 91 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى پىرېزىدېنتنىڭ ئالاھىدە ئايروپىلانى «ھاۋا ئارمىيەسى بىرىنچى نومۇرلۇق» (Air Force One) دا مۇخبىرلارغا: «غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» دېدى. پىرېزىدېنت: «بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى، ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى ۋە قايتۇرۇشى كېرەك. بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئۇلار چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئىسرائىلىيە ھاماسنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىدى.

ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى غەززە مىقياسىدا داۋاملاشماقتا

سەيشەنبە ئاخشىمىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 24 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ، 91 پەلەستىنلىك ئۆلدى، ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. ھۇجۇملار ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نىشانلارغا قىلىندى.

ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن چېكىنگەن «سېرىق لىنىيە» رايونىغا مەركەزلەشتى. غەززەنى ئىككىگە ئايرىيدىغان بۇ سۈنئىي رايون، غەززە شەھىرىنىڭ جەنۇبى بىلەن خان يۇنۇسنىڭ شىمالى ئارىسىغا جايلاشقان.

10-ئۆكتەبىردىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان 20 ماددىلىق تىنچلىق پىلانى دائىرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيەلىك گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش، تەخمىنەن 2000 پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بېرىش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 68 مىڭ 500 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

ئىزدىنىڭ
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز