تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرك تەتقىقاتچى كېپىللىك ئاستىدا قويۇپ بېرىلدى
ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ فېرمىلاب (Fermilab) تەجرىبىخانىسىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە رادىياتسىيە خەۋپى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن تۈرك تەتقىقاتچى فۇرقان دۆلەك كېپىللىككە قويۇپ بېرىلدى.
ئامېرىكادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرك تەتقىقاتچى كېپىللىك ئاستىدا قويۇپ بېرىلدى
ئامېرىكادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرك تەتقىقاتچى كېپىللىك ئاستىدا قويۇپ بېرىلدى / AA

ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ فېرمىلاب (Fermilab) تەجرىبىخانىسىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە رادىياتسىيە خەۋپى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن تۈرك تەتقىقاتچى فۇرقان دۆلەك، سەيشەنبە كۈنى 50 مىڭ دوللارلىق كېپىللىك پۇلى بەدىلىگە قويۇۋېتىلدى.

تۈرك-ئامېرىكا مىللىي يېتەكچىلىك كومىتېتى (TASC) رەئىسى، ئادۋوكات سەيىت شاھىننىڭ ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، دۆلەك تېكساس ئىشتاتىنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا جايلاشقان ئەل پاسو شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئادۋوكاتى بىلەن بىرلىكتە چىكاگو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.

دەۋانى TASC نامىدىن ئىختىيارىي تەقىب قىلىۋاتقان سەيىت شاھىن بىلەن ئادۋوكات مايكىل گۆكخان قىران ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا: «تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. دوكتور فۇرقان دۆلەكنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى دەل مۇشۇ مەسئۇلىيەتنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر» دېيىلدى. كېپىللىك پۇلى TASC ۋە تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىغىلغان بولۇپ، دۆلەك سوتلىنىش جەريانىدا چىكاگودا تۇرىدۇ.

ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

دوكتورلۇقنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋىرگىنىيە پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىۋېتسارىيەدىكى CERN دە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان دۆلەك، كېيىنچە چىكاگو ئەتراپىدىكى فېرمىلابتا ئىشلىگەن. ئۇ 2024-يىلى مارت ئېيىدا مەزكۇر تەجرىبىخانىدىكى خادىملارغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىسىزلىكلەر، بىخەتەر بولمىغان خىزمەت مۇھىتى ۋە رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى دوكلات قىلغان.

دۆلەك بۇ ئەھۋاللارنى ئەمەلدارلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاممىغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، شۇ يىلى ئاپرېلدا خىزمەتتىن بوشىتىلغان ۋە تەتقىقات ۋىزىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇ كېيىنچە LinkedIn سەھىپىسىدە: «تەتقىقاتچىلارنىڭ بىخەتەر بولمىغان شارائىتتا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئەڭ ئاجىزلارنىڭ قوغدىلىشتىن مەھرۇم قېلىپ، قانۇنسىزلىقلارنىڭ يوشۇرۇلغانلىقى»نى يازغان ھەمدە ئۆزىنىڭ قوغدىلىشنىڭ ئورنىغا ساختا ئەيىبلەش ۋە ئۆچ ئېلىشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋىزىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا قارىتا ئاچقان دەۋاسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دۆلەك ئامېرىكادا قانۇنىي سالاھىيەتسىز تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا كاناداغا قاراپ پىيادە يۈرۈش پائالىيىتى باشلىغان. 27-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىز-دېرىكى بولمىغان دۆلەكنىڭ، تۈركىيەنىڭ نىيۇيورك ئەلچىخانىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 4-سېنتەبىردە نىيۇيورك بۇففالو فېدېراتسىيە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە - ش ق ت ج ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ
تۈركىيە: «نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر»
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
ئەھمەد شەرا ئەردوغاننىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە 2 يىل ئۇزارتىلدى
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: قىبرىس تۈرك خەلقىنى ھەققانىي كۈرىشىدە ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى