ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
مودى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدۇ
مودىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى(ASEAN)يىغىنىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدىغانلىقى، نېفىت ئىمپورتى ۋە تاموژنا بېجىغا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا-ھىندىستان سودا سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا زور دىققەت قوزغىدى.
مودى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدۇ
مودى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان نۇر شولىسى چۈشۈرۈش بايرىمىغا قاتنىشىدۇ. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
2025-يىلى10-ئاينىڭ23-كۈنى

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى(ASEAN) يىغىنىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ  كۇئالا لۇمپۇردا ئېچىلىدىغان يىغىنغا كەلمەسلىكى، رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش ۋە تاموژنا بېجى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايۋاتقان ئامېرىكا-ھىندىستان سودا سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا زور دىققەت قوزغىدى. شۇنداقلا بۇ، تاموژنا بېجى ۋە رۇسىيە نېفىتىنىڭ ئىمپورتى سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىنىڭ ھەل بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى كۇئالالۇمپۇردا ئېچىلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى  باشلىقلار يىغىنىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق يىراقتىن قاتنىشىشى، ئۇنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىدىن يوق قىلغان بولدى. بۇ يەنە يېڭى دېھلى بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا يېقىن ئەمەسلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان بىر قانچە ئايدىن بۇيان سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەتلەشتى، ئەمما ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى ئىمپورت قىلىشى سۆھبەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ۋاشىنگتون ئاۋغۇست (2025) تا ھىندىستان ماللىرىغا %25 باج قويدى ۋە ئومۇمىي باج %50 كە يەتكەن بولدى.

مودى پەيشەنبە (23-ئۆكتەبىر) كۈنى  ئېكس (X) بېتىدە مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن بولغان سۆھبىتىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن كۇئالا لۇمپۇردا ئېچىلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى  باشلىقلار يىغىنىغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىمەن. مەن ھىندىستان-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم مودىنىڭ يىغىن ئېچىلىدىغان ھەپتىدە ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىۋالى (نۇر شولىسى چۈشۈرۈش) بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق يىراقتىن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنى 26-ئۆكتەبىردىن 28-ئۆكتەبىرگىچە مالايشىيا پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىنغا، ئىتتىپاققا ئەزا  10 دۆلەتتىن باشقا، خىتاي، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھلىرى قاتنىشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'No war with Pakistan': Trump tells Diwali event he advised India's Modi to avert war with neighbour

ترامپ-مودى ئۇچرىشىشى ئېنىق ئەمەس

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆتكەن ھەپتە ترامپنىڭ 26-ئۆكتەبىر كۇئالا لۇمپۇرغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ خەۋەر ھىندىستاندا يىغىنغا شەخسەن ئۆزىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان مودى بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتكەن ۋە ھەر خىل ئانالىزلارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ترامپ بىلەن مودى سەيشەنبە (21-ئۆكتەبىر) كۈنى تېلېفوندا كۆرۈشتى. ترامپ سۆھبەتنىڭ ئاساسلىقى سودا مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. مودى بولسا، سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى.

چارشەنبە (22-ئۆكتەبىر) كۈنى ھىندىستاننىڭ «مىنت» (Mint) تاراتقۇلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ھىندىستان ماللىرىغا قويۇلىدىغان  تاموژنا بېجىنى %15 تىن %16 گىچە تۆۋەنلىتىش كېلىشىمىگە يېقىنلاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئېنېرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىكى مەسىلىلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says he discussed trade, Russian oil with India's Modi

ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورتى
ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرىدىن روسنېفت (Rosneft)  ۋە لۇكويىل (Lukoil) غا ئېمبارگو يۈرگۈزدى. بۇ ئەھۋال 2025-يىلى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ %36 نى رۇسىيەدىن تەمىنلىگەن ھىندىستاننى زور قىيىنچىلىققا ئۇچراتتى.

ھىندىستاندىكى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى ئېمبارگولارنىڭ نېفىت ئىمپورتىنى پۈتۈنلەي توختىتىۋىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى ئېمبارگولار ئاساسلىقى رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفت تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىگە قارىتىلىدۇ.

-2023يىلدىن باشلاپ، رۇسىيە ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ خام نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلاندى. بۇ G7 موسكۋانىڭ دۇنيادىن ئېلىۋاتقان سودا پايدىسىغا چەكلىمە قويۇش مەقسىتىدە بىر ۋارىل نېفىت باھاسىنى 60 دوللار قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Stop buying Russian oil or face 'massive' tariffs, Trump threatens India

ئىزدىنىڭ
باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى كەمچىلمۇ؟
تۈركىيە ماللىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن» بەلگىسىنى ئالىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ھوقۇقىنى چەكلەش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى
ئىسپانىيە ترامپقا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىدا تېخىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالغان
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەنقەرە ئامېرىكا - ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما زەربە بېرىش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
مېلونى: ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي بازا كېلىشىمىگە رىئايە قىلىمىز، ئەمما ئۇرۇشقا كىرمەيمىز
ئامېرىكالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمايدىكەن
ئىران: ئامېرىكا قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ
ھىندونېزىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن  جىددىيى مۇزاكىرىلەشتى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى