سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تايلاند ئامېرىكالىق بىر ئوقۇتقۇچىنى پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ نەزەربەند قىلدى
تايلاندتا ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان پول چەمبېرس (Paul Chambers) نۆۋەتتە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقان مەھبۇسلار قاتارىدا قاماقتا ياتماقتا.
تايلاند ئامېرىكالىق بىر ئوقۇتقۇچىنى پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ نەزەربەند قىلدى
Thai King Maha Vajiralongkorn and his close family are protected from criticism by the lese-majeste law, with each offence punishable by up to 15 years in jail. / Reuters
2025-يىلى4-ئاينىڭ9-كۈنى

تونۇلغان ئامېرىكالىق ئاكادېمىك سەيشەنبە كۈنى تايلاند خان جەمەتىنى ھاقارەتلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلدى. بۇ ۋەقە بىر چەت ئەل پۇقراسىنىڭ تايلاندنىڭ ناھايىتى قاتتىق بولغان «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» (lese-majeste) قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى بولۇپ، ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بىر ۋەقە سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تايلاندتا ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان پول چەمبېرسنىڭ ئادۋوكاتى ۋاننافات جېنرۇمجىت   (Wannaphat Jenroumjit)، چەمبېرسنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىش تەلىپىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈتۈپ يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدرۈپ: «ھاۋالە قىلغۇچىم بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى» دېدى.

تايلاند پادىشاھى ماھا ۋاجىرالوڭكورن (Maha Vajiralongkorn) ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» قانۇنى ئارقىلىق تەنقىدلەرتىن قوغدىلىدۇ. بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق كىشى 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

تايلاند ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا چەمبېرسنىڭ توردا تارقالغان بىر مۇنازىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىنى سەۋەب قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانىدى. ئۆتكەن ھەپتە چەمبېرس ئۆزىنىڭ مەزكۇر جىنايەتنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا، سەيشەنبە كۈنى شىمالىي رايوندىكى فىتسانۇلوك (Phitsanulok) ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، سوراققا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

ۋاننافات بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بارلىق تەپسىلاتلارنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. لېكىن جاۋابكار (چەمبېرس) بۇنى ئۆزىنىڭ قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن قانۇننىڭ ئۇنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئامېرىكا «ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ نەزەربەند قىلىش ۋەقەسىدىن «ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتوننڭ «چەت ئەلدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىگە ناھايىتى ئەستايىدىل قارايدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ دېلو بىزنىڭ تايلاندتىكى ‹پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى› قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر ئۇزۇندىن بۇيانقى ئەندىشىلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بىز تايلاند ھۆكۈمىتىنى پىكىر ئەركىنلىكىگە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

چەمبېرس ئۆتكەن ھەپتە تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ۋەزىيەتتىن «ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى»نى، ئەمما ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزىگە ھەمنەپەس بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

تايلاندنىڭ «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» قانۇنىغا ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان دېلولار يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قانۇننىڭ ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تايلاند كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى (TLHR) تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر چەت ئەل پۇقراسىنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى «ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان» ئەھۋال ئىكەن. خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر بۇ قانۇننىڭ ئاكادېمىكلار، پائالىيەتچىلەر، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارغا قارشى بارغانسېرى كۆپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى تايلاندنىڭ شىمالىدا بىر كىشى «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، كەم دېگەندە 50 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2021-يىلى بىر ئايال 43 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. 2023-يىلى بولسا، يەنە بىر كىشى پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش دەپ قارالغان، كاۋچۇك ئۆردەك سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەجۋىي كالېندارلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى