سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تايلاند ئامېرىكالىق بىر ئوقۇتقۇچىنى پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ نەزەربەند قىلدى
تايلاندتا ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان پول چەمبېرس (Paul Chambers) نۆۋەتتە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقان مەھبۇسلار قاتارىدا قاماقتا ياتماقتا.
تايلاند ئامېرىكالىق بىر ئوقۇتقۇچىنى پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ نەزەربەند قىلدى
Thai King Maha Vajiralongkorn and his close family are protected from criticism by the lese-majeste law, with each offence punishable by up to 15 years in jail. / Reuters
 

تونۇلغان ئامېرىكالىق ئاكادېمىك سەيشەنبە كۈنى تايلاند خان جەمەتىنى ھاقارەتلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلدى. بۇ ۋەقە بىر چەت ئەل پۇقراسىنىڭ تايلاندنىڭ ناھايىتى قاتتىق بولغان «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» (lese-majeste) قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى بولۇپ، ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بىر ۋەقە سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تايلاندتا ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان پول چەمبېرسنىڭ ئادۋوكاتى ۋاننافات جېنرۇمجىت   (Wannaphat Jenroumjit)، چەمبېرسنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىش تەلىپىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈتۈپ يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدرۈپ: «ھاۋالە قىلغۇچىم بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى» دېدى.

تايلاند پادىشاھى ماھا ۋاجىرالوڭكورن (Maha Vajiralongkorn) ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» قانۇنى ئارقىلىق تەنقىدلەرتىن قوغدىلىدۇ. بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق كىشى 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

تايلاند ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا چەمبېرسنىڭ توردا تارقالغان بىر مۇنازىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىنى سەۋەب قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانىدى. ئۆتكەن ھەپتە چەمبېرس ئۆزىنىڭ مەزكۇر جىنايەتنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا، سەيشەنبە كۈنى شىمالىي رايوندىكى فىتسانۇلوك (Phitsanulok) ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، سوراققا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

ۋاننافات بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بارلىق تەپسىلاتلارنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. لېكىن جاۋابكار (چەمبېرس) بۇنى ئۆزىنىڭ قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن قانۇننىڭ ئۇنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئامېرىكا «ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ نەزەربەند قىلىش ۋەقەسىدىن «ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتوننڭ «چەت ئەلدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىگە ناھايىتى ئەستايىدىل قارايدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ دېلو بىزنىڭ تايلاندتىكى ‹پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى› قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر ئۇزۇندىن بۇيانقى ئەندىشىلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بىز تايلاند ھۆكۈمىتىنى پىكىر ئەركىنلىكىگە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

چەمبېرس ئۆتكەن ھەپتە تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ۋەزىيەتتىن «ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى»نى، ئەمما ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزىگە ھەمنەپەس بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

تايلاندنىڭ «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» قانۇنىغا ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان دېلولار يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قانۇننىڭ ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تايلاند كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى (TLHR) تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر چەت ئەل پۇقراسىنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى «ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان» ئەھۋال ئىكەن. خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر بۇ قانۇننىڭ ئاكادېمىكلار، پائالىيەتچىلەر، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارغا قارشى بارغانسېرى كۆپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى تايلاندنىڭ شىمالىدا بىر كىشى «پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، كەم دېگەندە 50 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2021-يىلى بىر ئايال 43 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. 2023-يىلى بولسا، يەنە بىر كىشى پادىشاھقا ھاقارەت قىلىش دەپ قارالغان، كاۋچۇك ئۆردەك سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەجۋىي كالېندارلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026
جەنۇبىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى
رۇسىيەنىڭ دىنېپېر ئۆتۈشمىلىرىنى نىشان قىلىشى بىلەن كىيېۋدا ئىككى چوڭ كۆۋرۈك زەربىگە ئۇچرىدى
ئەندى بېرنخام برېكسىتنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئەرىھا ئەتراپىدا بىر پەلەستىنلىك ئايالنى ئۆلتۈردى
ئىران ئامېرىكا پايتەختىگە مەينەت بومبا ياكى خىمىيەلىك ھۇجۇم پىلانلىماقتا
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى