تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ترامپ بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە-ھاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە غەززەگە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
00:00
ئەردوغان ترامپ بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان: ئىسرائىل-ھاماس ئوتئاتەشكەس كېلىشىمىنىڭ بارلىق قەدەملىرى ئىجرا قىلىنىشى كېرەك / User Upload

ئەردوغان تۈنۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە سىلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 1967-يىلىدىكى چېگرالار ئاساسىدا پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، تېررىتورىيەلىك پۈتۈنلۈككە ئىگە، مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغۇچە بۇ جەرياننى كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاندىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېقىنقى باياناتلىرىدا سىز بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. تۈركىيەنىڭ رايوندىكى كۈچىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بۇ يېقىن دوستلۇق يېڭى مەزگىلدە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ سىز دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىقىدا ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ گە بولغان ياردىمىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىرىنچى باسقۇچتىكى دوستلۇقىمىزنىڭ ئەينەن داۋاملىشىشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم» دېدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇ قەتئىيلىك بىلەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ‹مەن ئاخىرلاشتۇرىمەن› دېگەنىكەن، بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ يەلكىسىگە نېمە چۈشسە، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزمۇ شۇنى قىلىمىز، چۈنكى بىز دۇنيادا ئۇرۇش تەرەپدارى ئەمەسمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز تىنچلىق تەرەپدارىمىز.، تىنچلىق ئاساسىدا دۇنيادا دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى داۋاملىشىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز. بۇ جەھەتتە نېمە بولسا تىنچلىقتا بار، ئۇرۇش بىلەن بىر يەرگە بارغىلى بولمايدۇ. بۇنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. جاناب ترامپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلەردە بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدەملىرىمىزنىمۇ شۇنىڭغا قاراپ تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى