سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ترامپ ئۇرۇش قوزغىيالىشى مۇمكىن، ئەمما قانداق ئاخىرلىشىشىنى كونترول قىلالمايدۇ
ئىران ترامپنىڭ ئۇرۇش قوزغىيالىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما «قانداق ئاخىرلىشىشى» نى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىران: ترامپ ئۇرۇش قوزغىيالىشى مۇمكىن، ئەمما قانداق ئاخىرلىشىشىنى كونترول قىلالمايدۇ
ترامپ ئىرانغا قاراپ «غايەت زور فىلوت» نىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ئا پ. / AP

ئىران پارلامېنت باشلىقى ترامپنىڭ ھەربىي ھەرىكەت سىگنالىدىن كېيىن، مەجبۇرىي سۆھبەتنى رەت قىلدى ۋە ھەقىقىي سۆھبەتنىڭ چوقۇم ئىران خەلقىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد باكىر قالىباف: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئۇرۇش ئوتىنى ياقالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ قانداق ئاخىرلىشىشىنى كونترول قىلالمايدۇ» دېدى.

 ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، تېھراننىڭ «مەجبۇرىي بېسىم بىلەن تېڭىلغان ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بولغان» سۆھبەتكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ چارشەنبە (28-يانۋار) كۈنى كېچىدە س ن ن (CNN) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز سۆھبەتكە تەييار، ئەمما ئۇ سۆھبەتنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تەلەپ قىلىۋاتقان سۆھبەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز» دېدى.

 ئۇ ۋاشىنگتوننى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق دىپلوماتىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكانىڭ «ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن سۆھبەت ئۈستىلىنى بومباردىمان قىلغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىراننىڭ ئەمەلىي مەنپەئەت بولمىسا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىران خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنمىغىچە، ھېچقانداق سۆھبەت بولمايدۇ. بىز بۇيرۇق بېرىشنى سۆھبەت دەپ قارىمايمىز » دېدى. » دېدى.

سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىڭلار

قالىباف يەنە ھەربىي بېسىم ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ كەسكىن ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇرۇش كۆلەڭگىسى ئاستىدىكى سۆھبەتلەر جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ترامپ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولسا، ئەتراپىدىكى ئۇرۇش تەرەپدارلىرى ۋە تەسلىم بولۇشنى تەشەببۇس ياقىلىغۇچىلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى كېرەك» دېدى.

بۇ سۆزلەرنىڭ، ترامپنىڭ «غايەت زور فىلوت» نىڭ ئىرانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى باياناتى ۋە تېھراننى سۆھبەت ئۈچۈن «ئۈستەلگە كېلىش» كە چاقىرىشىدىن كېيىنگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئىران دائىرىلىرى ترامپقا ئۇرۇش ۋە ئۆچ ئېلىش ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن جاۋاب قايتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېھراننىڭ پەقەت ئادىل ۋە مەجبۇرلاش بولمىغان شەرتلەر ئاستىدىلا سۆھبەتكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىران 28-دېكابىردىن باشلاپ پۇلنىڭ تېز سۈرەتتە قىممىتىنى يوقىتىشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن تېھران چوڭ بازىرىدا باشلانغان نامايىش دولقۇنلىرى بىلەن  زىلزىلىگە كەلدى. نامايىشلار كېيىنچە بىر قانچە شەھەرگە كېڭەيدى.

دائىرىلەر ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنى چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا باھانە پەيدا قىلىش ئۈچۈن «قوراللىق توپىلاڭچىلار» نى قوللىدى دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىغا «تېز ۋە كەڭ دائىرىدە» جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ