ئەردوغان ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە ۋېنېسۇئېلا ۋە غەززە مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

By
تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تېلېفون سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايون تەرەققىياتلىرى مەركەزلىك تېما بولغان. / AA

تۈركىيە دائىرىلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن  ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەر تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى، شۇنداقلا غەززە ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەردوغان ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۆھبەت جەريانىدا ئەنقەرەنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەردوغان مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمىزدە تۈركىيەنىڭ سەزگۈر نۇقتىلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدۇق. ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇقىمسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە ۋە تۈرك مىللىتى، پاراۋانلىق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىدە دوست ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئاقسارايدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتلىرىغا ئالاقىدار تېخىچە بىرەر بايانات ئېلان قىلىنمىدى.