تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگىمۇ ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگىمۇ ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتىيېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماقلى ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭمۇ ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم تەلىپىدە بولغانلىقىنى، ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنىڭ فىرانسىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگە يەنە ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتى

تۈركىيە ياۋروپادا ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە، ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەنىمۇ ھاۋا ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماقلى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئىلگىرى ئىسپانىيەگە ئەۋەتىلگەن ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىدىن كېيىن، فىرانسىيەنىڭ ياردەم تەلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتكىمۇ ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يۇماقلى ياۋروپادا داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە خاس ئىمكانىيىتى ۋە تەجرىبىسى بىلەن پەقەت ئۆزىنىڭ ئورمانلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئېھتىياج تۇغۇلغاندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئورمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە يۈكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىسپانىيەگە بەرگەن ياردىمىدىن كېيىن، فىرانسىيەنىڭ ياردەم تەلىپىگىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان يۇماقلى: «ئورمانلار بىزگىلا قالغان ئامانەت ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراستۇر. بۇ ئاڭغا ئاساسەن چېگرادىن ھالقىغان ھەمكارلىق ۋە كۈرىشىمىزنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن باياناتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا