ب د ت باش كاتىپى: سۈنئىي ئەقىل بىر نەچچە مىلياردېرنىڭ كەيپىياتىغا تاشلاپ قويۇلماسلىقى كېرەك
ب د ت باش كاتىپى تېخنىكا ماگناتلىرىنى 3 مىليارد دوللارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك فوندنى قوللاشقا چاقىرىپ، سۈنئىي ئەقىلدىن ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ب د ت باش كاتىپى: سۈنئىي ئەقىل بىر نەچچە مىلياردېرنىڭ كەيپىياتىغا تاشلاپ قويۇلماسلىقى كېرەك
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈنئىي ئىدراك تەسىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس بىلەن سۆزلەشمەكتە. / Reuters

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس سۈنئىي ئەقىلنىڭ خەتەرلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ تېخنىكىنىڭ كەلگۈسىنىڭ «بىر نەچچە مىلياردېرنىڭ كەيپىياتىغا» تاشلاپ قويۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. ھىندىستاندىكى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان گۇتېررېس: «سۈنئىي ئەقىل ھەممە ئادەمگە تەۋە بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە دۆلەت ياكى مىلياردېرلار تەرىپىدىن بېكىتىلەلمەيدۇ» دېدى.

گۇتېررېس جىددىي تەدبىر ئېلىنمىسا تەڭسىزلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېببىي ساھە، مائارىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە كىلىمات مەسىلىلىرىدە زور پايدىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ئوخشاشلا زىيان كەلتۈرۈش خەۋپىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بالىلارنىڭ سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەجرىبە ئوبيېكتى بولۇپ قالماسلىقىنى، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«بىخەتەر بىر بوشلۇق»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونمۇ تېخنىكىنىڭ بىخەتەر نازارەت قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «سۈنئىي ئەقىل قانۇنى» بىلەن باشلامچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، ياۋروپانىڭ يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىككىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، فىرانسىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار سانىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە بالىلارنى تور دۇنياسىدىكى يامان نىيەتلىك ئىشلىتىشتىن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئومۇمىيۈزلۈك قاتنىشىش قورالى»

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى سۈنئىي ئەقىلنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ بولۇپمۇ «يەر شارى جەنۇبى» (تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر) ئۈچۈن كۈچەيتىش قورالىغا ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە: گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە
قىرىمدا جىددىي ۋەزىيەت: ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى: «ئۇرۇش داۋاملاشقان تەقدىردە، ئىران بارلىق سىنارىيەلەرگە تەييار»
چىلىدا تېجەش تەدبىرلىرىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى زوراۋانلىققا ئايلاندى، ئونلىغان ئادەم يارىلاندى
ترامپ: «تېھران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرمىگۈچە ئاشكارە ئۇرۇش توختىتىشنى ئاخىرلاشتۇرمايمەن»
ئىران ئۇرۇشى ياپونىيەدە پلاستىك خالتا كىرىزىسىنى قوزغىدى
ترامپ: ئىران بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن
FIFA سۇ شىشىلىرىنى مەنئى قىلدى
رۇبىيو: ترامپ تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى