پولشا ئىككى ئايرودۇرۇمىنى تاقىدى

پولشا شەرقىي جەنۇبىدىكى رژېسزوۋ (Rzeszow) ۋە لۇبلىن (Lublin) ئايرودۇرۇملىرىنى ۋاقىتلىق تاقىدى.

By
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، پولشا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. ئا پ. / AP

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، پولشا ئىككى ئايرودۇرۇمنى ۋاقىتلىق تاقىدى.

پولشا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پولشا چېگراسىغا يېقىن رايونلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشىدىن كېيىن، ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن رايونغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىلگەن.

پولشا قوماندانلىق ئىشتابى چارشەنبە (19-نويابىر) كۈنى ئېكس (X) بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، رادار سىستېمىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قوزغىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پولشا ھاۋا قاتناش مۇلازىمىتى ئىدارىسى (PANSA) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رژېسزوۋ ۋە لۇبلىن ئايرودۇرۇملىرىنى ۋاقىتلىق تاقالغان.

پولشا ھاۋا قاتناش مۇلازىمىتى ئىدارىسنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

 «ھەربىي ئاۋىياتسىيەنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، رژېسزوۋ ۋە لۇبلىن ئايرودۇرۇملىرى ۋاقىتلىق تاقالدى.»