سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئامېرىكا ئارمىيەسى «ئىراندا قالغان نېمە بولسا تېخى يوقىتىشقا باشلىغىنى يوق»
ترامپنىڭ بۇ باياناتلىرى ئۇ ئىران ئۇرۇشى توغرىسىدا خەلققە تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلىگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ترامپ: ئامېرىكا ئارمىيەسى «ئىراندا قالغان نېمە بولسا تېخى يوقىتىشقا باشلىغىنى يوق»
ترامپ: ئامېرىكا ئارمىيەسى «ئىراندا قالغان نېمە بولسا تېخى يوقىتىشقا باشلىغىنى يوق» / Reuters
2026-يىلى4-ئاينىڭ3-كۈنى

ترامپ نۇتىقىدا ئامېرىكانىڭ ئالدىمىزدىكى ئىككى-ئۈچ ھەپتە بويىچە ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراندىكى ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملارنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە: «قوراللىق كۈچلىرىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ (ناھايىتى ئېنىق پەرقمۇ بار!)، ئۇلار ئىراندا قالغانلارنى يوقىتىشقا تېخى باشلىغىنىمۇ يوق» دەپ يازدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «نۆۋەتتە كۆۋرۈكلەر، ئاندىن ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى بار! يېڭى ھاكىمىيەت رەھبەرلىكى نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە بۇ تېز سۈرئەتتە قىلىنىشى كېرەك!»

بۇ باياناتلار ترامپ 28-فېۋرالدا باشلانغان «Epic Fury» (ئېپىك غەزەپ) ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە خەلققە نۇتۇق سۆزلەپ بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ترامپ نۇتىقىدا: «ئالدىمىزدىكى ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر زەربىلەرنى بېرىمىز. ئۇلارنى ئۆزلىرى لايىق بولغان تاش قوراللار دەۋرىگە قايتۇرىمىز» دېگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلدى:

 «ھەر كۈنى ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىغا 1 مىلياردتىن 2 مىليارد دوللارغىچە چىقىم ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇرۇش، رايوندىكى پۇقرالارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ، دەرۋەقە، بۇ ئۇرۇش ئوتتۇرا شەرق مىقىياسىدا يۈزلىگەن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى ھەمدە ئېغىر مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟