«تېكنوفېست ماۋى (كۆك) ۋەتەن 2026» بۈگۈن باشلىنىدۇ
20-ئاۋغۇستتىن 23-ئاۋغۇستقىچە گۆلجۈكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان «تېكنوفېست ماۋى ۋەتەن 2026»دە تۈركىيەنىڭ دېڭىزچىلىق، سۇ ئاستى تېخنىكىسى، ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئىقتىدارلىرى نامايان قىلىنىدۇ.
«تېكنوفېست ماۋى (كۆك) ۋەتەن 2026» بۈگۈن باشلىنىدۇ
تېكنوفېست كۆك ۋەتەن 2026 (AA)

«تېكنوفېست ماۋى ۋەتەن» (كۆك ۋەتەن - دېڭىز) گۆلجۈك كېمەسازلىق زاۋۇتى قوماندانلىق مەركىزىدە تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ. TRT  ئالاقە ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان پائالىيەتتە دېڭىز ئارمىيە سۇپىلىرى، ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلار، ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

پائالىيەت دائىرىسىدە كاپىتانسىز سۇ ئاستى سىستېمىلىرى، كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتلىرى ۋە سۇ ئاستى راكېتاسى بويىچە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

37  خىل دېڭىز ئارمىيە سۇپىسى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

پائالىيەتتە TCG بارباروس، TCG سالىھ رەئىس، TCG تۇرغۇت رەئىس، TCG كامال رەئىس، TCG دەريا، TCG  تۇفان، TCG  ئاقچاي، TCG  ئالەمدار، TCG  ئىستانبۇل، TCG  ئورۇچ رەئىس، TCG بۇرغازئادا، TCG  ئىمبات، TCG  ئاماسرا، TCG  سانجاقتار ۋە TCG قالقان قاتارلىق دېڭىز ئارمىيە سۇپىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

بۇلاردىن باشقا TCG ساۋارونا، «ياۋۇز» مۇزېي پاراخوتى، ئۇلاق، سانجار، مارلىن ۋە سالۋو قاتارلىق كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتلىرىمۇ زىيارەتچىلەرگە سۇنۇلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوتى TCG ئانادولۇ ۋە مىللىي سۇ ئاستى پاراخوتى — مىلدەننىڭ سىناق بلوكىمۇ كۆرگەزمىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرى

ھاۋا ئاپپاراتلىرى بۆلىكىدە بايراقتار TB2 ۋە بايراقتار TB3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، SH-70 سىخاۋك تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە AH-1W سۇپىسى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بايراقتار TB3 يەنە ئاسەلبوي ۋە ئاسەلبوي پود بىلەن بىرلىكتە نامايان قىلىنىدۇ.

مۇداپىئە سانائىتى بۆلىكىدە پىرانا، بارقان 2، لەۋەنت، تۇفان، باھا، بۇلۇت، سىپەر، ھىسار، گۈرز، قورقۇت، كۆكسۇر، تايفۇن، KMC  ۋە پۇسۇ قاتارلىق سىستېمىلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، زىيارەتچىلەر دېڭىز تېخنىكىلىرىدىن باشقا ھاۋا مۇداپىئە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا سىستېمىلىرى، شۇنداقلا يېڭى ئەۋلاد سۇ ئاستى پاراخوت تېخنىكىلىرىنىمۇ كۆرەلەيدۇ.

مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى

ئاسەلسان، بايقار، ھاۋەلسان، STM، روكېتسان، تۈرك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى، TEI، MKE، ئاسفات، ئاسپىلسان، FNSS  ۋە T3 فوندى قاتارلىق شىركەت ۋە ئورگانلار پائالىيەت مەيدانىدا ئۆز مەھسۇلات ۋە ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرلىقى، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات كېڭىشى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە TRT مۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئىلىم-پەن مەركەزلىرى، سېخلار ۋە تەجرىبە رايونلىرىمۇ زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.

مۇسابىقە ۋە نومۇرلار

پائالىيەت مەيدانىدا كاپىتانسىز سۇ ئاستى سىستېمىلىرى، سۇ ئاستى راكېتاسى ۋە كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس مۇسابىقە، سىناق ۋە نومۇر كۆرسىتىش رايونلىرى قۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ SAT ۋە SAS مەخسۇس ئەترەتلىرى تۆت كۈن بويىچە ماھارەت كۆرسىتىدۇ. دېڭىز - ھاۋا قوماندانلىقى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ ھەر كۈنى ئۇچۇش ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ.

22- ۋە 23-ئاۋغۇستتا «كۆك ۋەتەن يەلكەنلىك كېمىلەر پاراتى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. پىروگراممىدا ھەربىي مۇزىكا ئەترىتى، مەھتەرەن ۋە ئىلىم-پەن نومۇرلىرى، «سەھنە سېنىڭ» پائالىيىتى ۋە N سوسيال نود بىلىم مۇسابىقىسىمۇ بار. 21-ئاۋغۇستتا دا ۋىنچى روبوت ئوپېراتسىيەسى ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى

فېستىۋالدا ئارغامچا تارتىشىش، ئارغامچا تاشلاش، تېز سۈرئەتلىك سۇ ئۈزۈش ۋە كۆك ۋەتەن سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

22- ۋە 23-ئاۋغۇستتا كۆك ۋەتەن ئەجدىھا كېمە پالاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئارغامچا تارتىشىش ۋە ئارغامچا تاشلاش مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى 23-ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

22-ئاۋغۇستتا مەھتەرەن  ئەترىتى نومۇر كۆرسىتىدۇ ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن كېيىن سېفو كونسېرتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بايراقتار قالقان ھەربىي قىسىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ

فېستىۋالنىڭ يېپىلىش پائالىيىتىدە «ياۋۇز» مۇزېي پاراخوتىنى ئېچىش ۋە بايراقتار قالقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ھەربىي قىسىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پائالىيەت تېخنىكا مۇسابىقىلىرى ۋە باشقا تۈرلەردە دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار