تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن باياناتىدا، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋان خەلقىنى مەڭگۈلۈك كۆچۈشكە مەجبۇرلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى (ئارخىپ: AA)

ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچى سىياسەتلىرى ئەيىبلەنگەن مەزكۇر باياناتتا: «ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىشىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز. نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ، غەززەدە قىلغىنىدەك، لىۋاندىمۇ ئىشغال قىلغان جايلارنى ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق لىۋانلىقلارنى مەڭگۈلۈك كۆچۈشكە مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ رايون مىقياسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىشىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز. نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ، غەززەدە قىلغىنىدەك، لىۋاندىمۇ ئىشغال قىلغان جايلارنى ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق لىۋانلىقلارنى مەڭگۈلۈك كۆچۈشكە مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئىسرائىلىيە ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان كېڭەيمىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرى بىلەن رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق تىرىشچانلىقلىرىغا زەربە بەرمەكتە؛ ئىنسانىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى ۋە ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كېچىكتۈرمەستىن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشى زۆرۈردۇر.»

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ