ھىندونېزىيەنىڭ بانتېن رايونىدىكى تاتلىق - تۈرۈم ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپىگە قارىماي، تېخىچە ئىز - دېرىكى بولمىغان تەخمىنەن 30 كىشىنى ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مەسئۇل دائىرىلەر پايتەخت جاكارتا ئەتراپىدىكى بانتېن ئۆلكىسىگە قاراشلىق چىكاندې رايونىغا جايلاشقان «PT Fonusa Agung Mulia» شىركىتىنىڭ تاتلىق - تۈرۈم زاۋۇتىنىڭ بىر بىناسىدا شەنبە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.
پىرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى سەئىد ئىقبال مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 24 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا ئوت ئاپىتىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچتىكى قىسقا تۇتىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇش ئېھتىماللىقى كۆرسىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
زاۋۇتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋېن ئېرۋىن ۋىجايا شەنبە كۈنلۈك نۆۋەتچىلىك جەريانىدا زاۋۇت قورۇسىدا تەخمىنەن 300 كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى خارابىلىك ئاستىدا قېلىپ ئىز - دېرىكى بولمىغان 30 كىشىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.













