تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ پەلەستىن دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەر خىل سۇپىلاردا كۈچلۈك ئىپادىلەپ كەلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بېرى غەززەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاۋازى بولدى. (TRT خەۋەر) / TRT Haber

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىللاردىن بۇيان پەلەستىن دەۋاسىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى. ئۇ دۇنياغا قىلغان خىتابلىرىدىمۇ، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىدىمۇ غەززەنى كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇتتى.

ئەردوغان بەزىدە كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان سۈرەتلەر ئارقىلىق پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق رېئاللىقىنى قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ يۈزىگە سالدى. ئۇنىڭ 2019-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سورىغان «ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ چېگراسى قەيەردە؟» دېگەن سوئالى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالدى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«ئۇلار بىز سۈكۈت قىلساق، مەسىلە تۈگەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، بىز سۈكۈت قىلساقمۇ، تارىخ سۈكۈت قىلمايدۇ. تارىخ سۈكۈت قىلسىمۇ، ھەقىقەت سۈكۈت قىلمايدۇ. ئۇلار بىزدىن قۇتۇلسا، مەسىلە تۈگەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، بىزدىن قۇتۇلسىمۇ، ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلسىمۇ، تارىخنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ. تارىخنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلسىمۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلالمايدۇ.»

زۇلۇمغا ئۇچرىغان رايونلاردىكى بىگۇناھ بالىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىلغان ئەردوغان: «بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدۇر. ئىنسانىيەت يېقىنقى بىر ئەسىردە بۇنداق ۋەھشىيلىكنى كۆرمىدى» دېدى.

ئەردوغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ يۈزىگە ھەقىقەتنى ئېيتىشتىن ۋاز كەچمىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىلىيە تەرەپنى بىئارام قىلدى؛ ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى زالىدىن چىقىپ كەتتى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«قەلبىم بىلەن سۆزۈم ئارىسىغا يەنە پەردە تارتماي، بەزى ھەقىقەتلەرنى بۇ يەردە ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىمەن. ھېچكىم ئەيىبكە بۇيرۇمىسۇن، رەنجىمىسۇن، كۆڭلىگە ئالمىسۇن. بۇ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەخسىي مەسىلىسى ئەمەس. بۇ ئىنسانىي مەسىلە. ھەممىمىز ئۈچۈن ۋىجدانىي مەسىلە.»

تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئەردوغان پەلەستىن دەۋاسىنى ئىزچىل مىللىي مەسىلە دەپ قاراپ، تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى بارلىق سۇپىلاردا كۈچلۈك تەكىتلەپ كەلدى.

ئىزدىنىڭ
پورتۇگالىيە مەشقاۋۇلى: رونالدو خالىسا دۆلەت كوماندىسىغا قايتالايدۇ
77-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيى ئانتاليادا باشلاندى
ئامېرىكا تېررورلۇق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئەنگلىيەدىكى B-1 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈردى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
ترامپ ئامېرىكىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئىران پارلامېنت باشلىقى قالىباف: «ئىران سۇنغان 7 شەرت ئىجرا قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورتتا سېنتەبىردىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا