سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
ئوتتۇرا شەرقتە ئىران ئۇرۇشى شىددەتلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئىراننىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەربە بەردى.
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش كەسكىنلەشكەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مەركىزىي كوماندىدانلىق ئىشتابى ئىراننىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى. سۈرەت: ئا ف پ. / AFP

رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئىراننىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا قاراتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىرانغا قارشى باشلانغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملار ئىراننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى نىشانلىغان بولۇپ، مەقسەت ئىراننىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۈگۈن (2026-يىلى 22-ئىيۇن) شەرقىي قىسىم ۋاقتى سائەت 5:30 دا، ئامېرىكا قىسىملىرى باش قومانداننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن ئىراننىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بېرىشكە باشلىدى» دېدى.

مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئېكس (X) بېتىدە مۇنداق دەپ يازدى: «بۇ ۋەزىپە ئىراننىڭ رايوندىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈۋاتقان دېڭىزچىلار ۋە سودا پاراخوتلىرىغا تەھدىت سېلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىش ئۈچۈن داۋاملىشىدۇ.»

كۇۋەيت ئارمىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ ئۇچقۇلىرىنى توسۇش ئۈچۈن كۇۋەيتتە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاڭلانغان ھەر بىر پارتلاش ئاۋازى ئۇچقۇلارنى توسۇۋېلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

ھەربىي باياناتتا يەنە: «پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر چىقارغان بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلدى.

فېۋرال ئېيى (2026) نىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارىتا بىرلىكتە ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان، رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۆتكەن ئاي (2026-يىلى ئىيۇن) دا پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. بىراق، ئۆتكەن ھەپتە ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدە جىددىيچىلىك قايتا كۈچىيىپ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى.

ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ رەقەملىرىگە قارىغاندا، 28-فېۋرال (2026) ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ئۇرۇش باشلىغاندىن بۇيان، جەمئىي 18 ئامېرىكا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان، 447 ئەسكەر يارىلانغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran vows 'eye for an eye' response as US threatens strikes on national infrastructure
ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا