خەلقئارا
7 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئاساسىي قانۇنى يوق؟
ئىسرائىلىيە، دۇنيادا رەسمىي دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بولمىغان ئالتە دۆلەتتىن بىرىدۇر.
00:00
ئىسرائىلىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئاساسىي قانۇنى يوق؟
#LOE11 : غەززە دە جاڭگى بولىۋاتىدۇ چۈنكى ھاماس ئاجايىب ھۇجۇمنى باشلىۋەتكەن / AFP
2025-يىلى1-ئاينىڭ22-كۈنى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئېلاستىكىلىق دۆلەت كىملىكى ۋە چېگرالىرىنى بەلگىلەشتىن قېچىشى سەۋەبىدىن رەسمىي بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنى يوق. بۇ ئەھۋال، پىلىستىنلىكلەرنىڭ ئونلىغان يىلدىن بېرى ئۇچراۋاتقان مۈلكسىزلەندۈرۈش ۋە زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىش پاجىئەلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھاننا لېرنېر: «دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى ھەمدە ئوچۇق ۋە سۇزۇك بولمىغان ھاكىمى مۇتلەقلىق كېلىشىمى، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلىك مەسىلەرنى ھەل قىلىشتىن قېچىشى لازىملىقىغا پىكىر بىرلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ» دەيدۇ.

لېرنېرنىڭ 2004-يىلدىكى «دېموكراتىيە، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئاساس قىلىش ۋە كىملىك: ئىسرائىلىيەنىڭ ئەھۋالىنىڭ نورمالسىزلىقى» ناملىق ماقالىسىدا، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقىنىڭ تۈپ سەسەبىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى دىندارلار بىلەن سېكۇلارىنزىمچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ يەھۇدىي كىملىكى سىياسىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ۋە يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ تەبىئىتىگە دائىر قارشى پاكىردىكىلەر ئارىسىدىكى كۈرەش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ت ر ت  دۇنيا قانىلى بۇ ماقالە توغرىسىدا چۈشەنچىسىنى ئېلىش ئۈچۈن لېرنېرغا مۇراجىئەت قىلغان، لېكىن جاۋاب ئالالمىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە، دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بولمىغان باشقا بەش دۆلەتكە سېلىشتۇرغاندىمۇ دۇنيادا ھېچ بىر ئوخشىشى بولمىغان ئۆزگىچە بىر ئۆرنەكتۇر.

مەسىلەن، ئەنگىلىيەنىڭمۇ ئادالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇراجىئەت قىلىدىغان بىرەر يازما دۆلەت ئاساسىي قانۇنى يوق. ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا، قانۇنلار، ئومۇمىي ھوقۇق، كېلىشىملەر ۋە ماگنا كارتا قاتارلىق ھۈججەتلەردىن تەركىب تاپقان، قانۇنلاشتۇرۇلمىغان ھەرخىل مەنبەلەرگە يېيىلغان دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بار.

ئىسرائىلىيەدە بولسا، ئورتودوكس يەھۇدىي خەلقىنىڭ، رادىكال زىيونىستلارنىڭ ۋە ئاتالمىش سېكۇلارىزمچىلارنىڭ توقۇنۇشلۇق مەنپەئەتلىرىدىن كېلىپ چىققان مۇرەككەپ بىر مەسىلە مەۋجۇت.

تەۋرات ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سېكۇلارلىقى

سېكۇلارىزمچىلار، دىن ۋە دۆلەت بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ئايرىم بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى تەلەپ قىلسا، ئورتودوكس يەھۇدىي گۇرۇپپىلار بۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى، چۈنكى يەھۇدىيلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى تەۋراتنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەرىپلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

لېرنېر، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئۇلترا-ئورتودوكس بىر پارتىيە بولغان ئاگۇدات يىسرائىل پارتىيەسىنىڭ بىر ۋەكىلىنىڭ: «ئىسرائىلىيەدە ئىنسان قولى بىلەن ھازىرلانغان ھېچ بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئورۇن يوق. تەۋراتقا زىت كېلىدىغان بولسا، قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۆز نۆۋىتىدە تەۋرات بىلەن باراۋەر كېلىدىغان بولسا، ھاجەتسىزدۇر» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.  

قارشى دىنامىكلار ئالدىدا، ئەڭ دەسلەپ ئىسرائىلىيە رەھبەرلىكى، ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە ئىخچام بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تۈزۈپ چىقىشنىڭ ئورنىغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈچۈن ئايرىم نۇقتىلىق قانۇنلارنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلغان 1950-يىلدىكى ھارارىي قارارىدىن كېيىن، بىرەر ئوتتۇرا يول تېپىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ قاراش ئاخىرىدا دۆلەتنى بىرلا دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىيەلەيتى. لېكىن بۇمۇ، يېرىكچىلىكنى يېنىكلەتمىدى.

دىنىي تارىخ مۇتەخەسسىسى ئەلدار ھەسەنئوغلۇ ئىسرائىلىيەنىڭ دەسلەپكى باش مىنىستىرى داۋىد بېن-گۇرىيونغا ئوخشاش"سېكۇلارىزىمچى" قۇرغۇچىلىرى بىلەن "دىنىي رادىكال" يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاق يىللاردىن بېرى داۋام قېلىۋاتقان ئىختىلاپلار تەرەپكە ھەممىنىڭ دىقىتىنى تارتىپ،  «كىيىنىكىلەر ئىسرائىلىيەنى تەڭرى تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ۋە ۋەدە قىلىنغان زېمىن» دەپ قاراشتى ھەمدە سىياسىي رەھبەرلەردىن ئىنسان تۈزگەن دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئەمەس، تەۋرات پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى» دەيدۇ.

ھەسەنئوغلۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ سېكۇلارىزىمچى رەھبەرلىرىنىڭ، تەۋراتقا تايانماستىن بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تەييارلىغانلىرىدا، يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىي ئورتودوكس گۇرۇھلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر دەسلەپكى ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى تەۋراتقا مۇۋاپىق قانۇنلار تۈزۈپ چىققان تەقدىردە، غەرب دۇنياسىنىڭ <دىني رادىكال> دېگەن قاراش بىلەن سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىغا ئۇچراشتىن  قورققانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەسەنئوغلۇ ت ر ت دۇنيا قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «نەتىجىدە، دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تۈزمەسلىك ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە مۇۋاپىق ئىدى. چۈنكى (سېكۇلار دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تۈزۈپ) دىندار يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە كۆپلەپ كېلىشىگە كاشىلا بولۇپ قىلىشنى خالىمايتتى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۆلەتنىڭ سېكۇلار تۈزۈملىسىنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى كۆزلەشكەن ئىدى» دەيدۇ.

دۆلەت ئاساسىي قانۇنى  ئاكادېمىكلىرى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزى (ESAM) نىڭ قانۇن تەتقىقاتى باشلىقى باتۇخان ئۇستابۇلۇت، «سېكۇلارىزىمچىلار بىلەن ئولترا-ئورتودوكس گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۆلۈنۈشلەر ۋە زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تۈزۈش خىزمىتى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قەستەن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى» دەيدۇ.

سىياسەت بىلىملىرى مۇتەخەسسىسى رىچارد فالكنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك  ھەل قىلىش چارىسىدىن مەھرۇم ئىختىلاپلىق كۈرەش، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلاش نۇقتىسىدا "سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە كىملىكىنى تەرىپلەش جەھەتتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك خالىماسلىققا ئىتتىرمەكتە.

 

بارغانسىرى چۇڭقۇرلىشىۋاتقان ھاڭ

ئىسرائىلىيەلىك ئاكادېمىك لېرنېر يىگىرمە يىل ئىلگىرى ماقالىسىنى يازغىنىدا، ئىسرائىلىيە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان سېكۇلارىزىمچىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى تۈپتىن ئۆزگەردى. ھازىرقى ئورتودوكس زىيونىست پارتىيەلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن رادىكال ئوڭچى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.

7 - ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدىن ئىلگىرى، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ سوت ئىسلاھاتى پىلانى چوڭ نامايىشلارغا سەۋەب بولدى، سېكۇلارىزىمچىلار بىلەن دىندار گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنىڭ بارغانسىرى چوڭقۇرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى شۇنداقلا  لېرنېرنىڭ 2004-يىلى ئىسرائىلىيەدىكى ئورتاق چۈشەنچىنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىغا دائىر پەرىزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

ھەسەنئوغلۇ ئىسرائىلىيەدىكى سېكۇلارىزىمچىلار بىلەن رادىكال دىندار گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا بارغانسىرى چوڭقۇرلاپ كېتىۋاتقان ھاڭنى ئىما قىلىپ: «سوت ئىسلاھاتى پىلانى ئىسرائىلىيەدە سىياسىي بىر كىرىزىسقا سەۋەب بولۈپلا قالماي، كۆپلىگەن كۈتۈلمىگەن سايلاملارغا ۋە مۇقىمسىز ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇرۇلىشىغا سەۋەب بولغان رېئال بىر ئامىلغا ئايلاندى» دەيدۇ.

ھەسەنئوغلۇ: «1980-يىللىرىدا دىنىي مەھكىمىلەرنىڭ قۇرۇلىشىغا يول قويۇلغىنىدىن بېرى، ئىسرائىلىيە خەلقى ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تەكلىپ لايىھەسىنى تەييارلاش تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقىنى ھەمدە سېكۇلار بىر مەھكىمە قارارىنىڭ ئەكسىچە، بىر ھاھامنىڭ دىنىي مەھكىمىدىكى قارارىغا ئېتىراز بولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى» تىلغا ئالىدۇ

ھەسەنئوغلۇ رادىكال ئوڭچى گۇرۇھلارنىڭ 1980-يىللاردىن بۇيان قانداق يۈكسەلگەنلىكىنى ۋە نوپۇزىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇزاق مۇددەت ئىچىدە، سېكۇلارىزىمچى ئىسرائىلىيەلىكلەر ئورتودوكس يەھۇدىي گۇرۇھلىرى بىلەن بولغان كۈرەشتە مەغلۇپ بولدى» دەيدۇ ھەمدە 2018-يىلدىكى ئۇلۇس دۆلەت قانۇنىنىڭ پەقەت يەھۇدىي خەلقىگىلا ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىش بىلەن، دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ جاسارەتلىك ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

 

دۆلەت ئاساسىي قانۇنى يوقلۇقىنىڭ پايدىلىرى

 

مۇتەخەسسىسلەر ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى يوقلۇقىنىڭ بىرقانچە خىل سىياسىي پايدىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇستابۇلۇت: «نەتىجىدە، دۆلەت ئاساسىي قانۇنى سىياسىي كۈچنىڭ ئىشلىتىلىشىگە مەلۇم چەكلىمىلەرنى قويىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ مىسالىغا قارايدىغان بولساق، ئاساسىي قانۇن چەكلىمىلىرى، دۆلەتنى ئۆزىنىڭ چېگرالىرىنى بېكىتىشكە مەجبۇرلىيالايدۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بولسا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇنى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە» دەيدۇ.

پروفېسسور فالك ت ر ت دۇنيا قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «مەۋجۇت سەۋەب، ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە زېمىن ئىشغال قىلىش ئىشتىياقى سەۋەبىدىن دۆلەت چېگرالىرىنى بېكىتىشكە بولغان خالىماسلىققا مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ 1948 - ياكى 1967-يىلىدىكى بەلگىلەنگەن زېمىن ھاكىمىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا باغلىنىشلىق دەپ قارايدىغانلىقىدۇر» دەيدۇ.

پروفېسسور فالك 1948-يىلدىكى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تۆت ئەرەب دۆلىتىنى يېڭىپ، غەربىي قىرغاق، غەززە، سىنا يېرىم ئارىلى ۋە جولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان 1967-يىلدىكى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ، «ئىسرائىلىيە 1982-يىلدا تەل ئەۋىۋ دائىرىلىرى بىلەن قاھىرە دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن سىنا يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىد.» دەيدۇ.

تونۇلغان پەلەستىنلىك ئاكادېمىك سامى ئەل-ئارىيان: «ئىسرائىلىيە كېڭەيمىچى، قانۇنسىز ئولتۇراقلاشقۇچى ۋە مۇستەملىكە قىلغۇچى دۆلەتتۇر. يەنى ھېچقانداق چېگراسى يوقتۇر. ئۆزى خالىغانچە زېمىن ئىگىلەشكە تىرىشماقتا، تاكى ئىشغال قىلىنغان زېمىننى سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭغا يېتەرلىك ساندا پۇخرا يۆتكەپ بولغىچە ھەر قانداق بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بۇ ئىشقا كاشىلا بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ.

مېدىپول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى نىھات بۇلۇت، زامانىۋى دېموكراتىك بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ "باراۋەر ھەق - ھوقۇقلار" نى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەردەك يەھۇدىي بولمىغانلارنىڭ مەدەنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماسلىققا بۇيرىيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

نىھات بۇلۇت ت ر ت دۇنيا قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، پەقەت "تاللانغان مىللەت" يەھۇدىيلارغا بېرىلگەن "ۋەدە قىلىنغان زېمىنلار" دېگەن دىنىي تەسەۋۋۇر شۇنداقلا كۈچىيىۋاتقان رادىكال سىياسىي بېسىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ يەھۇدىي بولمىغانلارغا باراۋەر ھەق - ھوقۇقلارنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى، نەتىجىدە، پەقەت دۆلەتلىرىگىلا ئەمەس، ئۆ نۆۋىتىدە يەنە خەلقلىرىغىمۇ ئېنىقلىما بېرىشتە مەسىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاكادېمىك ئارىيان، ئىسرائىلىيەنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئەگەر بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بولغان بولسا ئىدى،  پەلەستىنلىكلەرنىڭ كىملىكىگە ئېنىقلىما بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقىدەك يىرگىنىشلىك ھەرىكەتلەردە بولۇشىنى قىيىنلاشتۇرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئونلارچە يىل مابەينىدە پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئۆتكۈزگەن ھەق- ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىنىڭ تېزىملىكى ئىنتايىن ئۇزۇن» دەيدۇ.

پروفېسسور فالكمۇ: «ئىسرائىلىيەنىڭ قايتىش ياكى ئائىلە بىرلىكى ھوقۇقىغا دائىر ئايرىمىچىلىق قانۇنلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شۇنداقلا مۈلكىيەت ئېگىلىكى ۋە تۇرالغۇ ھوقۇقلىرىدىكى ئىرقىي چەكلىمىلەرنى، دېموكراتىك بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئېنىق. دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بولمىغان ئەھۋالدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2018-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن بىلەن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىماي، <يەھۇدىي ئۈستۈنلۈك دۆلىتى>  ئېنىقلىمىسىنى بېكىتىشتە ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولۇش ئەۋزەللىكىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ» دەيدۇ.

ئارىيان بىلەن فالك ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى يوقلۇقى مەسىلىسىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگىدەك كۆرۈنىدۇ.

ئارىيان يەھۇدىي ئۈستۈنلۈكىنى زورلاپ تېڭىشنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئېنىق بېكىتىلگەن قانۇنىي پوزىتسىيە قائىدىلىرى بولماسلىقىغا باغلاپ قارايدۇ.  ھەمدە: «يا زىئونىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ تەبىئىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۈستۈنلۈكچى، ئىرقي ئايرىمچى بىر دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ ياكى تەنقىت قىلىشقا بولمايدىغان شەكىلدە ئېنىقسىز ھالدا تاشلاپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ» دەيدۇ.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى