سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتناشقان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىستانبۇلنى بىر مۇزاكىرە سەھنىسى سۈپىتىدە ئىجابىي قارشى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن / Reuters

پېسكوۋ سەيشەنبە كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتناشقان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىستانبۇلنى بىر مۇزاكىرە سەھنىسى سۈپىتىدە ئىجابىي قارشى ئالغانلىقىنى، شۇڭا سۆھبەتلەرنىڭ بۇ يەردە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«سۆھبەتنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مەسىلىسىگە بارلىق تەرەپلەر ناھايىتى ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولماقتا.»

پېسكوۋ يەنە ئالدىنقى سۆھبەتلەرنى تەشكىللەشتىكى ياردىمى ۋە يارىتىلغان كەيپىيات ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، ھەممەيلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۈچۈن ياراتقان كەيپىياتىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ ۋە مۇزاكىرە مۇساپىسىنى تەشكىللەشتىكى ياردىمى ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.»

رۇسىيەدىكى تور ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە توختالغان پېسكوۋ، «بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش» ئۈچۈن تور ئۈزۈلۈپ قېلىشنىڭ «زۆرۈر تېپىلغاندا» بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى