خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بريانسك ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇكرائىنا بىلەن ئەنگلىيەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» بىلەن ئەيىبلىدى
موسكۋا دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ چېگرا شەھىرى بريانسكتىكى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرى زاۋۇتىغا قىلىنغان ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدا يەتتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە بريانسك ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇكرائىنا بىلەن ئەنگلىيەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» بىلەن ئەيىبلىدى
رۇسىيە بريانسك ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇكرائىنا بىلەن ئەنگلىيەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» بىلەن ئەيىبلىدى / Reuters

ئۇكرائىنا ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھۇقۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى بريانسك شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇكرائىنا ھۇجۇمىنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار سەۋەبىدىن ئەنگلىيەنى خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ۋە توقۇنۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بريانسك رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئالېكساندىر بوگوماز چارشەنبە كۈنى ھۇجۇمدا يەنە بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ يەتتىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بوگوماز بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەيشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمدا 42 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ھۇجۇمدا قەيەرنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.

ئۇكرائىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بىر ئەسلىھەگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. موسكۋا ئۇكرائىنانى قەستەن پۇقرالارنى نىشانلىدى، دەپ ئەيىبلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Next round of Russia-Ukraine-US talks may take place in Istanbul: Kremlin
ئىزدىنىڭ
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»