تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خىتايدا ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك باھاسىدا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى (APEC) دائىرىسىدە ئۈچ رەھبەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە ب د ت غا تىزىملاتقان 200 گە يېقىن مىللىي دۆلەت بارلىقىنى ئەسكەرتكەن فىدان: «بۇلارنىڭ 140 ئەتراپىدىكىسىنى نورمال فۇنكسىيەلىك دۆلەت دەپ قوبۇل قىلساق، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا قۇرۇلغان ۋە پەقەت 55 تىزىملىك دۆلەت ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولغان بىر ھېگېمونلۇق سىستېمىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئانچە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.
فىدان تىرامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ مەۋجۇت يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۈستىگە ئالغان بىر قىسىم روللارنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
ئامېرىكانىڭ ئەنئەنىۋى ھالدا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ھازىر «بۇ رولدىن ئىستېپا بېرىمەن» دېگەنلىكىنى تىلغا ئالغان فىدان، «ئامېرىكانى قايتا بۈيۈك قىلايلى (MAGA)» شۇئارىغا ئىشارەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» سىياسىتى بىلەن يۈكنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى كۆتۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ۋە ناتو دائىرىسىدە ياۋروپا بىخەتەرلىكىدىن ئۆزىنى مەسئۇل ھېس قىلىدىغان كۆرۈنۈشكە كىرمەسلىككە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىرامپ، شى ۋە پۇتىننىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى مۇھىم
ئۈچ رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختالغان فىدان مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ مەلۇم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى ھەقىقەتەن مۇھىم. مەۋجۇت كىرىزىسلارغا چارە تېپىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇل بولمىسىمۇ، تېخىمۇ ناچارلىشىشىغا قارىتا بىر نىيەتتە ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا بىر يەرگە كېلىپ، ‹مەۋجۇت ئەھۋالنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرمايمىز، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ› دەپ مۇزاكىرە قىلىشماقتا.»














