جەنۇبىي كورېيە تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان دۇنياۋى رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

جەنۇبىي كورېيە تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان دۇنياۋى رولىغا يۇقىرى باھا بەردى. تۈركىيە – جەنۇبىي كورېيە  مۇداپىئە ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا.

By
 جەنۇبىي كورېيە تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان دۇنياۋى رولىغا يۇقىرى باھا بەردى / AA

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇن تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ۋە غەززەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق تىنچلىق ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇن تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سېئۇل بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنىڭ بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

چو خيۇن جۈمە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ساھەلەردە خەلقئارالىق ئورنىنى مۇقىم ھالەتتە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئالتاي ئاساسلىق جەڭ تانكىسى تۈرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان چو خيۇن، بۇ شېرىكچىلىكنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق ھەم بىخەتەرلىكنىڭ كۈچىيىشىگىمۇ مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن «كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى»

جەنۇبىي كورېيە ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى مەزگىلدە قويۇق ئالاقىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چو، تەرەپلەرنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك دۇنياۋى ئورۇنغا ئېرىشىش ئىرادىسىنى قايتا ئىسپاتلىغانلىقىنى قەيت قىلدى. مىنىستىر چو ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىدا بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش، تېخنولوگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە مائارىپ ساھەسىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرىدا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 «تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قەتئىي ئىرادىلىك تىرىشچانلىقلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېگەن چو خيۇن، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى يىلى مۇداپىئە ئېكسپورتىنىڭ تۇنجى قېتىم 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىشىنىڭ ۋە ھازىرغىچە بولغان ئەڭ چوڭ مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى IDEF نى غايەت زور ئۇتۇق بىلەن ئۆتكۈزۈشىنىڭ «كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنىڭ كونكرېت ئىسپاتلىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چو يەنە جەنۇبىي كورېيەنىڭ تاشقى سىياسەتتە ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالدىدا ئاددىي بىر تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى يولغا قويمايدىغانلىقىنى، بەلكى دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەتراپلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك نۇقتىئىينەزەردىن قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي بىلەن باراۋەر شەرتلەر ئاستىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ساھەلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن چو، يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سانائەت رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن بولغان «چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە دوستلۇق»

چو خيۇن تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كورېيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنقەرەنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن تەخمىنەن 20 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. مىنىستىر چو خيۇن بۇ ئورتاق تارىخىي مىراسنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە دوستلۇقنىڭ ئاساسى» نى تىكلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

 بۇ تارىخىي رىشتە ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چو، لى جېمياڭنىڭ ئالدىنقى يىلى تۈركىيەگە قىلغان ۋە ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى تۇنجى رەسمىي زىيارىتىنىڭ، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىيالوگنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىگەن ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سودا، رايونلۇق دىپلوماتىيە ۋە مۇرەسسەچىلىك

چو خيۇن سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2013-يىلى يولغا قويۇلغان تۈركىيە-جەنۇبىي كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ 2023-يىلى رېكورت سەۋىيە بولغان 10 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى. مىنىستىر چو خيۇن مۇداپىئە، يادرو ئېنېرگىيەسى، بىيوتېخنىكا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

 رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ توختالغان چو، شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگ يوللىرىنى قايتا ئېچىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى؛ كورېيە يېرىم ئارىلىدا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە ئىشەنچنى قايتا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پوزىتسىيەنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مىنىستىر چو تىنچلىق ۋە بىرلىكتە ياشاشنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن، جۈملىدىن تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

 چو يەنە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى؛ ئىككى دۆلەتلىك پىلان لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. مىنىستىر چو ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى پوزىتسىيەلىرىنىڭمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىستراتېگىيەلىك مەركەز سۈپىتىدە تۈركىيە

تۈركىيەنى ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرقنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈن دەپ تەرىپلىگەن چو خيۇن، ئەنقەرەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرىنى قۇرۇشتا بارغانسېرى ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە 200 دىن ئارتۇق كورېيە شىركىتىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن چو، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىكى قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

2027-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت 70 – يىلىغا قەدەم قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چو خيۇن، ياشلار ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرى، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ئارقىلىق خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.