تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىدى
خاقان فىدان ئامېرىكا «بىخەتەرلىك كۈنلۈكى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن ئەھۋالدا، ياۋروپانىڭ نېمە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەندىشەلىرى بارلىقىنى تەكىتلەپ، كۆپ ساندىكى ياۋروپا ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىدەك كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
00:00
خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان «TV100» قانىلىدا / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ دۇنيا بىر قانچە تەسىر دائىرىگە بۆلۈنگەندە نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قايمۇقۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خاقان فىدان پەيشەنبە كۈنى (13-مارت) تۈركىيە تېلېۋىزىيە قانىلى «TV100» گە قىلغان سۆزىدە، «ئەنگلىيە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قۇرۇلمىنىڭ، رايوندا ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش مەركىزىنى قۇرۇشى مۇمكىن، دېدى. بۇ ئىقتىدار مەۋجۇت، پۇرسەتمۇ بار. پەقەت ئىرادەنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. تۈركىيە 2007-2008-يىللاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان بولسا، ئەنگلىيە ئېھتىمال ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقمايتتى. تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئورۇن ئالغان بىر قۇرۇلما، چوقۇم ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئارخىتېكتۇرىسىنى ئاللىبۇرۇن تەرەققىي قىلدۇرغان بولاتتى» دېدى.

ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ReArm Europe» پىروگراممىسىغا 800 مىليارد ياۋرو ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا قوراللىرى بىلەن سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى، ياۋروپا ئارمىيەلىرى ئىچىدە ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكا «بىخەتەرلىك كۈنلۈكى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن ئەھۋالدا، ياۋروپانىڭ نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەندىشىلىرى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

 

«TV100» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرك دىپلومات، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى ھالەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە قوشۇپ قويدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ياۋروپا بىلەن 200 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئومۇمىي سودا ھەجمىمىز بار. بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋازىنەتلىك سودا ھەجمىدۇر» دېدى.

ئۇ -2019يىلى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ ئەنقەرە ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىرىنچى ئورۇندىكى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئېلىپ بارمايۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويدى.

ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتىدىغان ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2019-يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ھۆكۈم سۈرگەن سەلبىي كۆز قاراشلارنىڭ ئازايغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 

ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش

 

تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى خاقان فىدان، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ، تۈركىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ھەر بىر تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى قوغداش ئارزۇسى جەھەتتىن سىناق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ باشلانغۇچى تەرەپلەرنى بۆلدى، ئاخىرىمۇ ئۇلارنى بۆلىدۇ. تۈركىيە ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئېلان قىلغان باياناتلار، ھازىر ئامېرىكا تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ.

ئەنقەرە ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتنى چاقىرىق قىلدى. بۇ يول پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

سىياسەت، تېخنىكىلىق ۋە ھەربىي جەھەتتە قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى داۋاملىق قىلىمىز. تۈركىيە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدا ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ناتو ئىچىدىكى بىردىنبىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا ۋاسىتىچىلىق قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىشكە ھەر قاچان تەييار» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، «ھەقىقىي» تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ پەقەت بارلىق تەرەپلەر مەۋجۇت بولغان چاغدىلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق تەكلىپ سۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ترامپ «يۇقىرى پارتلاش ئاۋازلىرى» بىخەتەرلىك سىگنالى پەيدا قىلغاندىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»