ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقنى «بېسىۋېلىش» پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەش ئۈچۈن جىددەدە بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ كەڭ رايونلىرىنى «دۆلەت مۈلكى» دەپ ئېلان قىلىش پىلانىنى ماقۇللىغانلىقىنى — تەنقىدچىلەر بۇنى ئەمەلىي بېسىۋېلىش دەپ ئاتىماقتا — ۋە پەلەستىن زېمىنلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى تەشكىلات مەركىزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىۋېلىش تەشەببۇسلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا نۇرغۇن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بىرگە باش ئەلچىلەر ۋە دىپلوماتىك ھەيئەتلەر قاتناشتى.
ئىشتىراكچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارشى بىردەك پوزىتسىيە تۇتۇش ۋە ماس قەدەملىك تەدبىرلەرنى بەلگىلەش يۆنىلىشىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
باياناتتا، يىغىننىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالغان ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىغا بولغان ئەنسىرەشلەرنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
يىغىندا سۆز قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋەلىد ئەلھەرىجى، دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئاتالمىش ئىگىلىك ھوقۇق تۇرغۇزۇشقا قارىتىلغان ھەرىكەتلەرمۇ تىنچلىق پۇرسەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بارلىق (قانۇنسىز) كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە رەت قىلىدۇ.»
پەلەستىنلىكلەرنى چەتكە قېقىش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوللاش
ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابىنېتى 8-فېۋرال ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ سالاھىيىتىنى قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ پايدىسىغا ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ زىيىنىغا ئۆزگەرتىدىغان بىر يۈرۈش قارارلارنى ماقۇللىغان ئىدى.
بۇ تەدبىرلەر قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ بىۋاسىتە يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان توسۇقلارنى بىكار قىلىش، تۈرلۈك باھانىلار بىلەن پەلەستىن ھاكىمىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىكى رايونلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ مۇسادىرە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش ۋە پەلەستىننىڭ ئەلخەلىل شەھىرىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئىسرائىلىيەگە قاراشلىق «پاراللېل بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت» قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەنە 15-فېۋرال كۈنى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر تەرەپلىمە ھالدا «يەر-مۈلۈك تىزىملاش مۇساپىسى»نى باشلاشنى ماقۇللىدى؛ بۇ قەدەم خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىشنى رەسمىيلەشتۈرۈش دەپ قارالماقتا.
خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، 1967-يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتىگە ئاجرىتىلغان زېمىن دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە بۇ رايوندا بىر ئىشغالىيەتچى كۈچ ھېسابلىنىدۇ.
بىر ئىشغالىيەتچى كۈچنىڭ ئۆز نوپۇسىنى ئىشغال ئاستىدىكى رايونغا كۆچۈرۈشى ۋە مۈلۈك قۇرۇلمىسىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىلىدۇ.