مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۆچمەنلىك جىنايىتى: بىر مۇسۇلمان ئايال تورونتو كۇتۇپخانىسىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
گۇمانلىق شەخس بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابىغا سۇيۇقلۇق چېچىپ كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇندى.
00:00
ئۆچمەنلىك جىنايىتى: بىر مۇسۇلمان ئايال تورونتو كۇتۇپخانىسىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
voile foulard hijab france islamophobie / TRT Français

بىر گۇمانلىق شەخس تورونتو يېقىنىدىكى بىر ئاممىۋى كۇتۇپخانىدا بىر مۇسۇلمان ئايالغا ھۇجۇم قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن قولغا ئېلىندى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالنىڭ ھىجابىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنغان.

دۇرھام رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇ كۇتۇپخانىدا دەرس تەييارلاۋاتقاندا، تونۇمايدىغان بىر ئايال ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، قۇربان بولغۇچىغا ئارقا-ئارقىدىن ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇپ، بېشىغا بىر نەرسىلەرنى ئاتقان»لىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا يەنە: «گۇمانلىق شەخس زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھىجابىنى تارتىپ ئېلىۋەتمەكچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا نامەلۇم بىر خىل سۇيۇقلۇق تۆكتى. گۇمانلىق شەخس كېيىن بىر چاقماق ئېلىپ ھىجابقا ئوت قويۇپ كۆيدۈرمەكچى بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

قۇربان بولغۇچى ياردەم تەلەپ قىلىپ ۋارقىرىغاندا، كۇتۇپخانا بىخەتەرلىك خادىملىرى دەرھال ۋەقەگە ئارىلاشقان. ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇمانلىق شەخس نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان.

كانادا مۇسۇلمانلىرى مىللىي كېڭىشى (NCCM) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ۋەقەدىن «قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكى»نى بىلدۈردى.

كانادا مۇسۇلمانلىرى مىللىي كېڭىشى ئىجرائىيە دىرېكتورى ستېفېن بىراۋن: «بۇنداق زوراۋانلىقنىڭ جەمئىيىتىمىزدە داۋاملىق يۈز بېرىدىغان ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قېلىشى ھەقىقەتەنمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ئىسلاموفوبىيە ۋەقەلىرى يېقىنقى يىللاردا ھەسسىلەپ كۆپەيدى» دېدى.

ئۇ يەنە: «سايلانغان رەھبەرلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاجاكس شەھەر باشلىقى شاۋن كوللېر ۋە كۇتۇپخانا باشقۇرۇش كومىتېتى رەئىسى پىيالى كوررېيا شەھەرنىڭ تور بېكىتىدە بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «بىز بۇ قەبىھ قىلمىشنىڭ قۇربانىغا ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، يارىلانغان ياكى روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنى — بولۇپمۇ بۇ ۋەقەنىڭ تىنچلىق ۋە مەنىۋى رىشتە ئېيى بولغان رامىزان ئېيىدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن — قوللاپ-قۇۋۋەتلەش شۇنداقلا نەپرەت ۋە كەمسىتىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكلىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەردىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بىراۋن، كانادا مۇسۇلمانلىرى مىللىي كېڭىشىنىڭ ساقچىلاردىن بۇ ۋەقەنى بىر ئۆچمەنلىك جىنايىتى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى