تۈركىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان: «سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ ئەجرى تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
خاقان فىدان: «سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ ئەجرى تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى»
Egyptian Foreign Minister Badr Abdelatty visits Turkey / Reuters

خاقان فىدان ئامېرىكا زىيارىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «ئالدى بىلەن شۇنى ئىپادىلەش كېرەككى، ۋاشىنگتونغا، ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىنغىنى جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيەدۇر. تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا تاشقى سىياسەتتە كۆرسەتكەن نەتىجىسى، ئىشەنچلىك شېرىك بولۇش ئالاھىدىلىكى، نۇرغۇن مەسىلىلەردە تۈركىيەنى ھەمكارلىق قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بىر ئاكتىيورغا ئايلاندۇردى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

خاقان فىدان سېنتەبىردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە تۈركىيە-ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

«سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ ئەجرى تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى»

فىدان ئامېرىكىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت ۋە رايون ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ مەسىلىلەردە مەلۇم بىر ئورتاق تونۇش ۋە ماسلىشىشنىڭ كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خاقان فىدان ئاقسارايدىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە سۈرىيە مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا پەلەستىن، ئۇكرائىنا قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ ئەجرى، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، مەيلى مۇقىملىق، مەيلى مۇساپىرلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن ھەمدە يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلۇق ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى» دېدى، رايوننى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ بۇ يەردە ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئەخلاقلىق ۋە ئىززەتلىك بىر تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خاقان فىدان يەنە مۇنداق دېدى:

«بىر تەرەپتىن سۈرىيەنىڭ مەنپەئەتى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى، تىنچلىقىنى ئويلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىمكانقەدەر ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بۇنى رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى، پەقەت تۈركىيەگە ئوخشاش ئۇزۇن ئىستراتېگىيەلىك مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە، بۇنى قىلالايدىغان چوڭقۇرلۇققا ئىگە دۆلەتلەرلا يۈرگۈزەلەيدىغان تاشقى سىياسەت ھەرىكەتلىرىدۇر»

«تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردە بولۇشىدىن تېخىمۇ نورمال ئىش يوق. يەنى بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش، دىئاگنوز قويۇش، ئۈستىگە ئېلىش، يۈكلەش، ئالغا سىلجىتىش پەقەت تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس. تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئەڭ چوڭ پەرقى، بىر مەسىلىگە مۇئامىلە قىلغاندا پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈنلا مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزى ئۈچۈن نېمىنى ئويلىسا، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش نەرسىنى ئويلاپ، مەنپەئەتىمىزنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى دېگەن قاراش بار»

«ئامېرىكىلىقلار ۋە بىزنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مەسىلىمىز ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇشتىن توختىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش»

فدان س د گ دەپ ئاتالغان تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK/YPG مەسىلىسىنىڭ، ئامېرىكىلىقلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

«بۇنى مەلۇم بىر ئورتاق تونۇش ئىچىدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىلگىنىڭلاردەك، ئامېرىكا سىستېمىسى ئىچىدە رايونغا ئارىلىشىشتا، بولۇپمۇ دائېش بىلەن كۈرەش قىلىش باھانىسى بىلەن، بۇ يەردە قۇرۇلغان مەلۇم مېخانىزملار، مەلۇم سىياسىي سېلىنمىلار ۋە ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەر دەۋرىدىن بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ كېلىنگەن مەلۇم بىر كۆز قاراش بار. ھازىر بۇنى ئارقىغا ياندۇرۇش، مەلۇم بىر نۇقتىدا بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇش دىققەت، ئىنتىزام ۋە سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.»

«بۇ يەردە دەمەشق بىلەن ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ قانداق بولۇشى مۇھىم. بۇ سۆھبەتلەر بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالدى، سىلەرگە مەلۇم، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبقا ئارىلىشىشىدىن كېيىن، رايوندا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالدى. ھازىر ئامېرىكىلىقلار ۋە بىزنىڭمۇ ئەڭ چوڭ، بىرىنچى دەرىجىلىك مەسىلىمىز ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇشتىن توختىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە سۈرىيەنىڭمۇ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن بىر تەھدىت بولماسلىقى ۋە ھەممەيلەننىڭ بىر-بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر جاي بولۇشىدۇر. ھازىر سۈرىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئىشغال ئاستىدا، بۇ ئىشغال ئاخىرلىشىشى كېرەك ۋە سۈرىيەنىڭ قالغان قىسمىغا تەھدىت سالىدىغان بىر پوزىتسىيەدە بولماسلىق كېرەك. ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى تەرتىپ، پاراۋانلىق ۋە مۇقىملىقنى قوللىشى ئىنتايىن مۇھىم.»

«بىز ي پ گ نىڭ دەمەشق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتلىرىنىڭ مەلۇم بىر نۇقتىغا يېتىشىنى كۈتىمىز، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر بار، ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر بار، بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتلەر بار، بۇلارنىڭ بىر نۇقتىدا بىر يەرگە يېتىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. (دەمەشق ھۆكۈمىتى بىلەن ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر) توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بېشىدا، ي پ گ نىڭ پات-پات يولىدىن ئېزىپ، يېڭى بىر رايونلۇق كرىزىستىن ئۆزىگە پۇرسەت ئىزدەش ئەھۋالىمۇ بار، بۇنداق ئىزدەشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش كېرەك»

فىدان سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا، بولۇپمۇ دۇرزىلارغا قارىتىلغان بىر ئىسرائىلىيە ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

«(سۈرىيە جۇمھۇر رەئىسى) ئەھمەد شارانىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىلىشى ناھايىتى مۇھىم بىر دىپلوماتىك ھەرىكەت ئىدى» دېگەن فىدان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: قىبرىس تۈرك خەلقىنى ھەققانىي كۈرىشىدە ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز
تۈركىيە ش ق ت ج نىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
فىدان تەرەپلەرنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە تېزدىن قايتىشقا چاقىردى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
فەتۆنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قاراتقان سۇيىقەستلىرى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار...
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ
ساقچى باش ئىدارىسى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنىگە ئاتاپ ئالاھىدە سىن تەييارلىدى
ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى
15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىشى
ئەردوغان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شىمالىي قىبرىس قارارى كۈچكە ئىگە ئەمەس
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 36-نۆۋەتلىك ناتو باشلىقلار يىغىنىنى غەلىبىلىك تاماملىدۇق
خاقان فىدان: ناتونىڭ ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ باھا بەردى