سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى («FBI») نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكالىقلار سۈنئىي ئەقىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر سەۋەبىدىن 893 مىليون دوللاردىن ئارتۇق زىيان تارتقان.
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
سۈرەتتە OpenAI لوگوسى ۋە AI (سۈنئىي ئىنتېلېكت) سۆزلىرى كۆرسىتىلگەن. (رويتېرس ئارخىپى)

تور جىنايەتچىلىرى كىشىلەرنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلدىن كۈنسېرى كۆپ پايدىلانماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى («FBI») نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكالىقلار سۈنئىي ئەقىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر سەۋەبىدىن 893 مىليون دوللاردىن ئارتۇق زىيان تارتقان.

يېقىندا «OpenAI» ۋە «Anthropic» قاتارلىق شىركەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىلىرىنىڭ سىناق جەريانىدا تورغا ئۆزلۈكىدىن باشقا شىركەتلەرنىڭ سىستېمىلىرىغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. گەرچە خېرىدارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال تور خەۋپسىزلىكى ئەندىشىلىرىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تور ھۇجۇملىرىنى قوزغاش تېخىمۇ قولايلىق، ئەرزان ۋە ئۈنۈملۈك ھالەتكە كەلگەن.

«چوڭقۇر ساختىلىق» (Deepfake) تېخنىكىسىنىڭ خەۋپى

«چوڭقۇر ساختىلىق» تېخنىكىسى ئارقىلىق ئادەمنىڭ چىرايى، ئاۋازى، سىن كۆرۈنۈشلىرى ھەمدە ئەسلىدە يۈز بەرمىگەن ۋەقەلەرنى رېئالدەكلا قىلىپ تەقلىد قىلىپ ياساپ چىققىلى بولىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكادا ئالدامچىلىق قۇربانى بولغانلارنىڭ تەخمىنەن %12 ى دەل مۇشۇ خىل سۈنئىي ئەقىل ياكى «چوڭقۇر ساختىلىق» تېخنىكىسىنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. شۇنداقلا، بۇ خىل تېخنىكا قوللىنىلغان مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقلىرىدىنلا كېلىپ چىققان زىيان 632 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ خىل تېخنىكىنىڭ سىنلىق ئالاقە سۇپىلىرىدىمۇ ئاسانلا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان مۇتەخەسسىسلەر شۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: ئەگەر سىنلىق سۆھبەت جەريانىدا قارشى تەرەپتىن گۇمانلانسىڭىز، ئۇلاردىن كامېرا ئالدىدا مەلۇم بىر ھەرىكەتنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ. چۈنكى، تۇيۇقسىز قىلىنغان ھەرىكەت سۈنئىي ئەقىل سۈزگۈچلىرىدە بوشلۇق يارىتىپ، سىننىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىرەر كىشى ياكى سىنلىق كۆرۈنۈشتىكى تونۇشۇڭىز سىزدىن پۇل يۆتكەشنى ياكى ھېساباتىڭىزغا كىرىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئۆزىڭىزگە ئايان بولغان باشقا ئىشەنچلىك ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق جەزملەشتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق مەشغۇلات قىلماڭ.

ئاۋاز تەقلىد قىلىش ئالدامچىلىقى

سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق مەشىقلەندۈرۈلگەن ئاۋازلار كۆپىنچە «يېقىن تۇغقىنىڭىز جىددىي ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتىدۇ» دېگەندەك يالغان ئۇچۇرلار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىشتا ئىشلىتىلمەكتە. ئۆتكەن يىلى قۇربانلار دەل مۇشۇ خىل ئالدامچىلىق تۈپەيلىدىن 5 مىليون دوللاردىن ئارتۇق زىيان تارتقان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاران بىر نەچچە سېكۇنتلۇق ئاۋاز ئۈزۈندىسىمۇ سۈنئىي ئەقىل ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شۇ ئادەمنىڭ ئاۋازىنى %85 لىك ئوخشاشلىق دەرىجىسىدە نۇقسانسىز تەقلىد قىلىپ چىقىشىغا يېتەرلىك ئىكەن.

شۇڭا، تېلېفون قىلغۇچىنىڭ كىملىكىدىن گۇمانلانغان ھامان تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، شۇ كىشىنىڭ سىز بىلىدىغان ئىشەنچلىك نومۇرىغا قايتا تېلېفون قىلىڭ ياكى ئائىلە ئەزالىرىڭىز بىلەن ئالدىن كېلىشىۋالغان «بىخەتەرلىك پارولى (سۆزى)» نى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرۈڭ.

پارول بىخەتەرلىكى ۋە ھوقۇق دائىرىسى

ھازىرقى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى تورغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن پاروللاردىكى ئورتاق قېلىپلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ پارولىنى پەرەز قىلىپ تېپىش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتمەكتە. بۇ خىل خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر قەدەملەر:

·                كۆپ ئامىللىق سالاھىيەت دەلىللەش («MFA») ئىقتىدارىنى قوزغىتىش؛

·                ئۆتۈش ئاچقۇچى («Passkey») سىستېمىسىنى ئىشلىتىش؛

·                كەم دېگەندە 12 خىل بەلگىدىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇن پاروللارنى تاللاش.

ئۇندىن باشقا، ئالدامچىلار توربەتتىكى ساختا بىخەتەرلىك دەلىللىگۈچلىرى («CAPTCHA») ياكى يامان غەرەزلىك ئەپلەرگە ھوقۇق ئېلىش ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلىرىڭىزگە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئېلېكترونلۇق خەت قۇتىسى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىڭىزغا باغلانغان ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە تازىلاپ تۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا