خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋادېپۇل: «گېرمانىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئوچۇق، ئەمما مەيدانى مۇقىم»
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋادېپۇل ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئەستايىدىل ئۇرۇش توختىتىش قەدەملىرى بولمىسا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا يېڭى تەكلىپلەرنى بېرىشنى رەت قىلدى.
ۋادېپۇل: «گېرمانىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئوچۇق، ئەمما مەيدانى مۇقىم»
ۋادېپۇل: گېرمانىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئوچۇق، ئەمما مەيدانى مۇقىم / AA

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوھان ۋادېپۇل سەيشەنبە كۈنى، دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنادا سىجىل بىر تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئومۇمىي جەھەتتىن ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ئەمما «يول قويۇش» ياكى تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېرلىندا كونراد ئادېناۋېر فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «Cafe Kyiv» ناملىق ئۇكرائىنا مۇنبىرىدە سۆز قىلغان ۋادېپۇل مۇنداق دېدى: «ھەممىدىن بۇرۇن، ئەلۋەتتە سۆزلىشىشكە تېگىشلىك تەرەپ ئۇكرائىنا بولۇشى كېرەك. بىراق بىز سۆھبەتكە تەييارمىز. لېكىن بىز موسكۋاغا بېرىپ تېخىمۇ كۆپ يول قويىدىغان ئىشلارنى قىلمايمىز. بۇنداق قىلمايمىز. ئەگەر ئۇرۇش توختىتىلسا، سۆھبەتكە قارىتا ئەستايىدىل بىر ئىرادە بولسا، ئەلۋەتتە بىز ئۇ يەردە بولىمىز. بىراق راستىنى ئېيتقاندا، بىز ئۇنىڭغا (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا) يالۋۇرمايمىز. ئەكسىچە مۇۋاپىق تەكلىپلەرنىڭ بىرىنىڭ ئاخىرى قوبۇل قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

ۋادېپۇل مىسال سۈپىتىدە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى (SPD) ئىچىدىن كەلگەن پۇتىنغا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى تەكلىپ قىلىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ: «سۆھبەت يوللىرىدا بىر كەمچىلىك يوق. ئەمما پۇتىن سۆزلىشىشنى خالىمىسا، ھېچقانداق يول كارغا كەلمەيدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'Berlin whipping up spy mania': Russia expels German diplomat in tit-for-tat move

قوشۇمچە ئېمبارگولار

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موسكۋانىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بېسىمنى كۈچەيتىش چاقىرىقىنى قايتا-قايتا تەكرارلىدى.

دۈشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى گېرمانىيەلىك مىنىستىر مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «گېرمانىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئېنىق: ھازىر قەتئىيلىك كۆرسىتىشىمىز، ئۇكرائىنانى سىجىل تۈردە قوللىشىمىز ۋە ئۆتكەن يىلى قىلغىنىمىزدەك رۇسىيەگە قارىتىلغان بېسىمنى ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭا 20-نۆۋەتلىك ئېمبارگو بوغچىسىنى جىددىي تەييارلاۋاتىمىز ۋە ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia’s war in Ukraine outlasts Soviet war against Nazi Germany
ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى