تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىرانغا 17 قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىنى بىكار قىلدى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتنىڭ ئۈچ شەھىرىگە پىلانلانغان 17 قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
ئىراندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن، جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى تېھران، تەبرىز ۋە مەشھەدكە قىلىنىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تۈركىيەنىڭ بايراقدار ھاۋا يولى شىركىتى بولغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋە ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە شىركىتى AJet، ئىران مىقياسىدىكى نامايىشلارغا مۇناسىۋەتلىك رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىرانغا قىلىنىدىغان بىر قاتار ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى تېھران، تەبرىز ۋە مەشھەدكە پىلانلانغان جەمئىي 17 قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. شىركەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«ئىراندا يۈز بېرىۋاتقان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن 9-يانۋار جۈمە ۋە 10-يانۋار شەنبە كۈنلىرى تېھران، تەبرىز ۋە مەشھەد شەھەرلىرىگە پىلانلانغان جەمئىي 17 قېتىملىق سەپىرىمىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
يولۇچىلارنى رەسمىي تور بېتىمىزدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز.»
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە شىركىتى AJet مۇ ئوخشاش ئىككى كۈن ئىچىدە ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا پىلانلانغان ئالتە قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
AJet تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«ئىراندا يۈز بېرىۋاتقان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن 9-يانۋار جۈمە ۋە 10-يانۋار شەنبە كۈنلىرى تېھرانغا پىلانلانغان جەمئىي ئالتە قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىمىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
يولۇچىلار ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە خەۋەردار قىلىندى.»
ئىران دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چۈبشۈپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ يامانلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە پارتلىغان نامايىش دولقۇنلىرىغا سەھنە بولماقتا. نامايىشلار 28-دېكابىردا تېھران چوڭ بازىرىدا باشلانغان بولۇپ، كېيىنچە دۆلەتنىڭ باشقا نۇرغۇن شەھەرلىرىگىچە كېڭەيگەن ئىدى. ئىران دائىرىلىرى بولسا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا ئالاقىدار رەسمىي مەلۇماتلارنى تېخىچە ئاشكارىلىمىدى.