سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىران يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقە قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى «تۈنۈگۈن تېلېفون قىلدى... مېنىڭچە ئۇلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋېرىشتىن زېرىكتى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ «ئۇلار بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.
ترامپ: ئىران يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقە قىلدى
ترامپ ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى ئايروپىلانىدا، فلورىدادىن ئامېرىكا مارىلاند شتاتىدىكى بىرلەشمە ئاندىرېۋس بازىسىغا كېتىۋاتقاندا، ئاخبارات ۋاكالەتچىلىرى بىلەن سۆزلەشمەكتە. 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى. / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئىران دائىرىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ يادرو پىلانى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئەھۋال، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ئىچىدىكى يوشۇرۇن دىپلوماتىك پۇرسەتنىڭ سىگنالى دەپ قارالماقتا.

فلوۋرىدادىن ۋاشىنگتونغا كېتىۋاتقان «Air Force One» ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ، ئىرانلىق ئەمەلدارلارنىڭ شەنبە كۈنى مۇزاكىرە تەلەپ قىلىپ تېلېفون قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە ئۇلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋېرىشتىن ۋە ئۈزلۈكسىز قىستاڭچىلىققا دۇچ كېلىشتىن زېرىكتى. ئىران ھازىر مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدۇ، شۇڭا بىز ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلەيمىز.»

ترامپ نۆۋەتتە كۆرۈشۈش تەييارلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما نەق مەيداندىكى تەرەققىياتلار تۈپەيلى، ھەرقانداق بىر سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئەسكەرتتى.

ئىران دۆلەت پۇلىنىڭ شىددەت بىلەن قىممىتىنى يوقىتىشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن، ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار بىلەن تەۋرەنمەكتە. ترامپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىراندىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە نامايىشلاردا ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۈستەلدە «ئىنتايىن كۈچلۈك تاللاشلار»نىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «ھەربىي كۈچلىرىمىز بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىۋاتىدۇ، بىز يەنە بىر قىسىم ئىنتايىن كۈچلۈك تاللاشلارنى باھالاۋاتىمىز. بىز چوقۇم بىر قارارغا كېلىمىز،» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى