سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىدىغانلا بولسا، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتا ئېچىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «تەھدىتلىرى ۋە رايونلۇق دېڭىز قاتنىشىغا قىلىۋاتقان مۇداخىلىلىرى داۋاملاشقان تەقدىردە» ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتا ئېچىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ھورمۇز بوغۇزىغا مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئىراننىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «تەھدىتلىرى ۋە رايونلۇق دېڭىز قاتنىشىغا قىلىۋاتقان مۇداخىلىلىرى» داۋاملاشقان تەقدىردە بوغۇزنىڭ ئېچىلمايدىغانلىقى، ھەتتا ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىو كېتىشى مۇمكىنلىكى ئىپادىلەنگەن.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە، «قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى» ھەققىدە تەھدىت سېلىنغان.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ