پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
5 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ پۇتىننى «دوستۇم» دەپ قارشى ئالدى، ياۋروپانىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى شېنجېندا 90 مىنۇت داۋاملاشقان سۆھبىتىنى يەرشارى تەرتىپىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىلغان تۆت ماددىلىق پىلان بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.
ترامپ پۇتىننى «دوستۇم» دەپ قارشى ئالدى، ياۋروپانىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرماقتا. سۈرەت: رويتېرس. / reuters
 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى «دوستۇم» دەپ قىزغىن قارشى ئالغاندىن بىرنەچچە سائەت كېيىن، ياۋروپانى ئۇكرائىناغا بېرىۋاتقان مالىيە ياردىمىنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئامېرىكا تەرەپ بولسا بۇ دەۋانى رەت قىلدى.

ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى شېنجېندا 90 مىنۇت داۋاملاشقان سۆھبىتىنى يەرشارى تەرتىپىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىلغان تۆت ماددىلىق پىلان بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. بۇ جەريانغا قاتناشتۇرۇلمىغان ياۋروپا رەھبەرلىرى بولسا، ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا تۇرۇپ ۋەزىيەتنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزەتتى.

ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى، رۇسىيە رەھبىرىنى: «ئۇ كىم؟ ئۇ مېنىڭ دوستۇم» دېگەن سۆزلەر بىلەن قارشى ئالدى.

ترامپ كېيىن گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئەندى بۇرنھام بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىيمۇ قاتناشقان «خالىسلار ئىتتىپاقى» يىغىنىغا تېلېفون ئارقىلىق ئۇلاندى.

Politico ۋە The Telegraph تاراتقۇلىرىنىڭ ياۋروپالىق مەسئۇللاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ياۋروپانىڭ ئۇكرائىناغا بېرىۋاتقان مىلياردلارچە دوللارلىق ياردىمى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشسا دۆلەتلەرنىڭ چىقىمنى تېجەپ قالالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر ئامېرىكالىق مەسئۇل كېيىن Politico غا بەرگەن باياناتىدا، ترامپنىڭ رەھبەرلەرگە كىيېۋغا بېرىلىۋاتقان مالىيە ياردىمىنى توختىتىشنى ئېيتقانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ بىر باياناتچىسىمۇ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، Politico غا مۇنداق دېدى:

«پىرېزىدېنت ئۇرۇشنىڭ ئىنسان ھاياتى ۋە مالىيە جەھەتتىن ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. چۈنكى تىنچلىق ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئۆز مۇداپىئەسى ۋە پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىشىگە بولىدىغان مەبلەغنى تېجەپ قالىدۇ.»

خىتايدىكى ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىدا تۆت ماددىلىق خىتابنامە ئېلان قىلىندى

پۇتىن، ترامپ ۋە شى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە «تىنچلىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ب د ت ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقاتما يېقىلغۇ تەمىناتىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلقئارا سوتلاردىكى قانۇنىي كەچۈرۈم ئىمتىيازىنى قوغداش ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ۋەدىلىرى ئورۇن ئالدى.

ترامپ سۆھبەتنىڭ بېشىدا شى بىلەن پۇتىنغا خىتاب قىلىپ: «بىز ھەقىقەتەن تارىخ يارىتىۋاتىمىز. ئالاقە پۇرسەتلىرىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ھېچقاچان تىنچلىق بەرپا قىلىنمىغان» دېدى.

بىراق باشلىقلار يىغىنىدىكى بۇ كەيپىيات ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى. ئۇلار ترامپنى پۇتىننىڭ ئۆزلىرىگە دوست ئەمەسلىكى ۋە ھېچقاچان دوست بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

دانىيە باش ۋەزىرى مېتتې فرېدېرىكسېن بېرلىندىكى «خالىسلار ئىتتىپاقى» يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن پۇتىن تېخىمۇ جۈرئەتلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇ خۇشال كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ، ئۇكرائىنا ئۈچۈنمۇ ياخشى بېشارەت ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ بىز ياۋروپالىقلارغا تېخىمۇ ئېغىر زەربە بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىمەن.»

پۇتىن قىرىم كۆۋرۈكىگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى

بۇ ئەندىشىلەر ئۇزۇن ئۆتمەي پۇتىننىڭ سۆزلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قاتتىق بايانات بەردى.

دېڭىزدىكى ھەمدە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىش مەسىلىسىنى باھالاپ بېقىشنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پۇتىن مۇنداق دېدى:

«قىرىم كۆۋرۈكىگە قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن ھېچقانداق كېلىشىم بولمايدۇ. بۇ ھۇجۇملارغا جاۋاب قايتۇرىمىز. ھەممەيلەن شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىزنىڭ جاۋابىمىز كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ كۆۋرۈككە قىلغان ھۇجۇمىدىن كۆپ ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ياۋروپادىكى ئەڭ ئۇزۇن، تاشيول ۋە تۆمۈريولدىن تەركىب تاپقان بۇ كۆۋرۈككە مۇشۇ ھەپتە ئۈچىنچى قېتىم زەربە بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. مەزكۇر كۆۋرۈك پۇتىن رۇسىيەسىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ.

ئۇكرائىنادىكى ياۋروپا قىسىملىرىغا دائىر ئەندىشىسىنىمۇ تىلغا ئالغان پۇتىن، ياۋروپا بىلەن ئۇكرائىنانى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يول قويۇشنى رەت قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇكرائىنادا سادىر قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى شۇ كۈنى ئەتىگەندە ترامپ بىلەن بەش يىلدىن بۇيان ھەل بولمايۋاتقان توقۇنۇش توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقتى.

كرېمىل مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوف 35–40 مىنۇت داۋاملاشقان ئايرىم سۆھبەتنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ ئۇرۇش بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ياخشىلىنىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھازىرغىچە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىدىن چەتتە قالدۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ياۋروپادا ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

بىراق كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوف كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپلىك يىغىندا ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي تېما بولمىغانلىقىنى ۋە تۆت ماددىلىق پىلاندا ئورۇن ئالمىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي رەئىسى شى بولسا ھەل قىلىش يولى كۆرۈنمەيۋاتقان بۇ توقۇنۇشنى ياۋروپانىڭ مەسىلىسى دەپ ئاتاپ، بۇنىڭدا ئۆز تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىشتىن ئاساسەن ئۆزىنى تارتتى.

شېنجېندىكى ئۇچرىشىش 1945-يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يالتا يىغىنىغا ئوخشىتىلدى. يالتا يىغىنى تەسىر دائىرىلىرىنى رەسمىيلەشتۈرگەن ۋە چوڭ دۆلەتلەر كىچىك دۆلەتلەرگە مەجبۇرىي تاڭغان كېلىشىملەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانىدى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي سىبىھا بولسا كۆۋرۈككە قىلىنغان ھۇجۇمنى تىلغا ئېلىپ، يالتا بىلەن قىلىنغان سېلىشتۇرۇشلارنى مەنسىتمىدى. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىسىدا مۇنداق دېدى:

«شېنجېن پۇتىننىڭ خىيالىدىكى يالتا ئەمەس. بۇ ئارىلىقتا رۇسىيە ئىشغال ئاستىدىكى ئۇكرائىنا زېمىنى بولغان قىرىمدىكى ھەقىقىي يالتاغا تۇتىشىدىغان كۆۋرۈكىدىن ئەمەلىيەتتە ئايرىلىپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئويغىنىپ، رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان ۋە ھەرگىز غەلىبە قىلالمايدىغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى.»

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تەنقىد، ئېنېرگىيە تەمىناتى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى

ئۈچ رەھبەر ئورتاق باياناتىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ سوتلاش ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلماسلىقى كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. ترامپ بولسا سوتنى «كونترولدىن چىقىپ كەتكەن» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ھوقۇق چېكىدىن ئېغىر دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي رىم نىزامنامىسىگە تەرەپ بولمىغاچقا، ئەزا دۆلەتلەرگە يۈكلەنگەن تۇتۇش بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئىتتىپاقدىشى باش ۋەزىر بىنيامىن نېتانياھۇ ئۈستىدىنمۇ غەززەدە سادىر قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.

ترامپنىڭ ئىراندا، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشلىرى بۇ يىل نېفىت باھاسىنىڭ تارىخىي يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغاندىن كېيىن، رەھبەرلەر مۇقىم ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى فېۋرال ئېيىدا توشۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى يادرو كۈچى ئارىسىدىكى ئاخىرقى قانۇنىي چەكلىمىلەرمۇ كۈچتىن قالغانىدى. پۇتىن يېقىندا غەرب كالىنىنگىرادنىڭ رۇسىيەنىڭ قالغان قىسمى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە ئۇرۇنسا، يادرو قورالى ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى.

شېنجېندا ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا قارىماي، چاتام ھاۋس تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىندزېي نيۇمان The Independent گېزىتىگە بەرگەن باھاسىدا، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مەزمۇندىن بەكرەك شەكىل جەھەتتە تارىخ ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.

نيۇمان مۇنداق دېدى:

«بۇ تېمىلار گېئوپولىتىكىلىق ئەھمىيىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش، ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش، يەرشارى ئېنېرگىيەسى ۋە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىۋاتقان بېسىم قاتارلىق كۈنتەرتىپنى بەلگىلەۋاتقان ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتا. ترامپ ئېيتقاندەك، ئورتاق دىپلوماتىيە ئىجابىي بىر بېشارەت. ئەمما شېنجېن سۆھبەتلىرى سوئاللارنى جاۋابسىز، ئاساسىي مەسىلىلەرنى بولسا ھەل قىلىنمىغان پېتى قالدۇردى.»

ئىزدىنىڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئەرىھا ئەتراپىدا بىر پەلەستىنلىك ئايالنى ئۆلتۈردى
ئىران ئامېرىكا پايتەختىگە مەينەت بومبا ياكى خىمىيەلىك ھۇجۇم پىلانلىماقتا
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى
تىرامپ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا ئۆز ئېتىبارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچىمۇ؟
JD ۋېنس: تىرامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «تۈگىمەس بىر ئۇرۇشقا» ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويمايدۇ
جېفرېي ئېپشتېين ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغان، بەلكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 17.11.2026
ULA تەرىپىدىن ياسالغان راكېتا ئامازون سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرالمىدى
نىگېرىيە ئارمىيەسى بىر ھەپتىلىك ھەرىكەتتە گۆرۈگە ئېلىنغان 125 كىشىنى قۇتقۇزدى
رۇسىيە بىر كېچىدە 1300 دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۆت دۆلەت ئىسرائىلىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سەيشەنبە كېچىسىدىكى ھۇجۇملار توغرىسىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى
ئېستونىيە رۇسىيە بىلەن بولغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى 1-دېكابىردىن باشلاپ تاقايدۇ
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە ئۈچىنچى بىر ئاۋىياماتكا ۋەزىپە گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى