سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ماسك X نىڭ كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئېلون ماسك بۇنداق بىر ھۇجۇمنىڭ زور مەنبەلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىر دۆلەت ياكى ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان چوڭ بىر گۇرۇپپىنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
00:00
ماسك X نىڭ كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئېلون ماسك / Reuters

ئېلون ماسك X نىڭ دۈشەنبە كۈنى چوڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەۋەر سىياسىي جەھەتتىن بۆلگۈنچى مىلياردېرنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى ياكى بىر چاغلاردا تۋىتتېر بولغان بۇ سۇپىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئازايتىش قارارىنىڭ ئىجتىمائىي تورنى بىئارام قىلغان-قىلمىغانلىقى توغرىسىدا سوئا ئىشارەتلىرىنى پەيدا قىلدى.

Downdetector  ناملىق كۆزىتىش تور بېكىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، X  تە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋېلىشلار ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ سۇپىغا كىرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىشى بىلەن دۈشەنبە سەھەردە باشلاندى.

ماسك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاندا-ساندا ئىشلەۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى توغرىسىدا «X غا قارشى (ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان) چوڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى بولدى» دەپ يازدى.

SpaceX  ۋە تېسلا شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئۆتكەن يىلى دونالد ترامپ بىلەن ئېلىپ بارغان بىر سۆھبىتى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» نىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتسىزلا بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىگەنىدى.

ماسك، DogeDesigner  ئىسىملىق بىر ئىشلەتكۈچى ئادرېسىدا، ئەڭ يېڭى تور ھۇجۇمىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان يەنە بىر دۈشمەنلىك پارتلىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى. بۇ، ئۆزى باشچىلىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش مىنىستىرلىقى (DOGE) نىڭ ئالدىدا يېقىندا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە تېسلا قۇرۇلۇشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىش بىلەن ماس كېلىدۇ.

ئېلون ماسكFox Business  قانىلىدىكى بىر سۆھبەت جەريانىدا، ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرلارنىڭ رەقەملىك ئادرېسلىرىنىڭ ئۇكرائىنا رايونىدىكىدەك كۆرۈنگەنلىكىنى ۋە X نىڭ دەل نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى، X نىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىغا قارىماي تۇرۇپ ۋەزىيەتنى باھالاشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما مەسىلىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇ يەرگە قىلىنغان بىر ھۇجۇمنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

Deepwatch  تور مۇداپىئە سۇپىسىدىن چاد كراگلې بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تور ئۇرۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋاملاشماقتا. ماسكنىڭ دىققەت تارتىدىغان بىرى بولۇشى ۋە سىياسىي سۈركىلىشلەرنىڭ چوققىغا چىقىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، بۇ ھۇجۇملار دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ بارلىق ئالامەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز