كونگودا 120 كىشىنى ئېلىپ ماڭغان كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 70 كىشى يوقاپ كەتتى
يەرلىك تاراتقۇلاردا چىققان خەۋەرلەردە، چۆكۈپ كەتكەن كېمىدە تەخمىنەن 120 كىشىنىڭ بارلىقى ۋە ھازىرغىچە 50 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى يېزىلغان.
يەرلىك تاراتقۇلار چارشەنبە كۈنى، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان كاساي ئۆلكىسىدىكى بىر دەريادا بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 70 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ب د ت رادىيوسى، كېمىنىڭ بېنا دىبېلې پورتىدىن 800 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى پايتەخت كىنشاساغا كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە دۈشەنبە كۈنى سانكۇرۇ دەرياسىدا مەيدانغا كەلگەن قۇيۇنلار سەۋەبىدىن چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
رادىيودىكى خەۋەردە يەرلىك ئەمەلدار فرانسۇئا ئاھوكانىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «كېمىدە تەخمىنەن 120 كىشى بار ئىدى. ھازىرغىچە تەخمىنەن 50 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېيىلدى.
ئاھوكا، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ، ئائىلىلەرنى، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار ۋە تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا چاقىردى.
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تاشيوللار كۆپىنچە ماڭغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا بولغاچقا، دۆلەتتىكى توشۇش ئىشلىرى ئادەتتە سۇ يوللىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.