تۈركىيە سومالىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى ئىزچىل قوللىماقتا

مۇقدىشۇدا ئەششەبابنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، ئەنقەرە رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

By
تۈركىيەنىڭ سومالىدىكى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى سومالىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللىماقتا. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA Archive

تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت مۇقدىشۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ كەسكىنلىشىشى سەۋەبىدىن، ئەنقەرە سومالىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاش رامكىسىدا، سومالىدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق كۈچىنى كۆپەيتىپ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.

تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرى پەيشەنبە (2026-يىلى 5-فېۋرال) كۈنى سومالى-تۈركىيە بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ، ھەربىي ياردەم، مەشىق ۋە مەسلىھەت بېرىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق سومالىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ سومالىدىكى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسىملار بىلەن كۈچەيتىلگەن بولۇپ، يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغان ھەربىي كۈچلەر سومالىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىكەن.

سومالىنىڭ ئەششەبابقا قارشى كۈرىشى

سومالى ئەلقائىدەگە چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب بىلەن ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇرۇش قىلىپ كەلمەكتە.

ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتى، سومالى ئارمىيەسى، ئافرىقا ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى ۋە خەلقئارالىق شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەربىي بېسىمىغا قارىماي، يەنىلا مۇقدىشۇ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن رايونلاردا تېررورلۇق پارتلىتىش، نىشانلىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە مۇرەككەپ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پەيدا قىلماقتا.

سومالى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ھۇجۇم باشلىغان بولسىمۇ، ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى يېقىنقى ئايلاردا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تۈركىيەنىڭ ئىزچىل قوللىشى

تۈركىيە مۇقدىشۇدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي مەشىق بازىسىنى باشقۇرۇش بىلەن بىرگە، سومالى دۆلەت ئارمىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللاش ئارقىلىق سومالىنىڭ ئەڭ يېقىن خەۋپسىزلىك شېرىكلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى؛

مىڭلىغان سومالى ئەسكەرلىرى تۈركىيە كوماندىرلىرى تەرىپىدىن مەشىقلەندۈرۈلدى. ئەنقەرە يەنە قورال-ياراغ، تېخنىكىلىق ياردەم ۋە مەشغۇلات يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

تۈركىيە ئەمەلدارلىرى بۇنىڭدىن مەقسەتنىڭ سومالىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ساقلىيالايدىغان ۋە چەت ئەل كۈچلىرىگە بولغان تايىنىشنى ئازايتىپ، ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدىغان خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ قېتىمقى يېڭى ياردەملەر، سومالى دائىرىلىرى ئەششەبابقا قارشى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قايتىدىن زېمىن ئىگەللىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئەنقەرەنىڭ بۇ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ سىگنالىدۇر.