ماركىلار تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان تور مۇھىتىدا يېڭىلىققا ئەگىشىشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، پاراڭچى بوتلارغا ئېلانلارنىڭ ۋە قوللىغۇچى مەزمۇنلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى سۈنئىي ئەقىل ئىشلەتكۈچىلىرىدە شەخسىي مەخپىيەتلىك ئەندىشىلىرىنى پەيدا قىلدى. «ChatGPT»نىڭ ئاچقۇچىسى «OpenAI» شىركىتى يۈزلىگەن مىليارد دوللارلىق چىقىم ۋەدىلىرىنى يېڭى كىرىم مەنبەلىرى بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ھەقسىز ۋە تۆۋەن ھەقلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە پاراڭ ئۇچقۇسى سۆھبەتلىرىدە ئېلان كۆرسىتىشكە باشلىدى.
رەقىب شىركەت «Anthropic» بولسا ئۆز ئىناۋىتىنى خەۋپسىزلىك ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ئۈستىگە قۇرغان بىر شىركەت سۈپىتىدە، بۇ تەرەققىياتنى مەسخىرە قىلدى. «Anthropic»نىڭ ئۆتكەن ھەپتىلىك «Super Bowl» مۇسابىقىسى جەريانىدا قويۇلغان ئېلانىدا، بىر كىشىنىڭ پاراڭلىشالايدىغان سۈنئىي ئەقىلدىن مەسلىھەت سورىغانلىقى، سۈنئىي ئەقىل بولسا ئۆزىنىڭ جىددىي جاۋابى ئارىسىغا بىر تۇنۇشۇش تور بېكىتىنىڭ ئېلان تېكىستىنى قىستۇرۇۋالغانلىقى كۆرسىتىلدى. «OpenAI»نىڭ خوجايىنى سام ئالتمان (Sam Altman) بۇ سىننىڭ «ئوچۇق-ئاشكارا دۇرۇس بولمىغان بىر ئۇسۇل» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قايتۇرما زەربە بەردى.
«OpenAI»دىن سىرت، مىكروسوفت 2023-يىلىدىن بىرى «Copilot» سۈنئىي ئەقىل ياردەمچىسىدە مەزمۇننى ئاساس قىلغان ئېلانلارنى ۋە قوللىغۇچى مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. سۈنئىي ئەقىل ئىزدەش ماتورى Perplexity 2024 -يىلىدىن بىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئېلانلارنى سىناق قىلىۋاتقان بولسا؛ گۇگۇلمۇ ئۆتكەن يىلدىن بىرى ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىلىدىغان ئىزدەش ماتورى تەمىنلىگەن سۈنئىي ئەقىل «خۇلاسىلىرى»دە ئېلانلارنى سىناق قىلىۋاتىدۇ.
سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى
گۇگۇل «Gemini» پاراڭ ئۇچقۇسىدا ئېلان بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنى كۆپ قېتىم رەت قىلدى. بۇ ئىزدەش ماتورى ماگنات شىركىتىنىڭ «DeepMind» سۈنئىي ئەقىل بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دېمىس ھاسسابىس ئېلانلارنىڭ «ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكى»نى بىلدۈرۈپ، سۈنئىي ئەقىلدىكى «ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ» خەۋپسىزلىك ۋە مەخپىيەتلىككە بولغان ئىشەنچ ئىكەنلىكىنى، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاياتىنى شۇ ياردەمچى بىلەن ھەمبەھرىلەشنى خالىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
«OpenAI» بولسا ئېلانلارنىڭ سۆھبەتلەرگە ئارىلاشتۇرۇلۇشى ئورنىغا، سۆھبەتلەرنىڭ يېنىدا كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى ۋە «ChatGPT»نىڭ جاۋابلىرىنىڭ ئېلانلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشتى. شۇنداقلا ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان بەرگۈچىلەرگە ساتمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئانالىزچى نېيت ئېللىئوت «سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ ئېلان سېتىشىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى قورقۇتۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ» دېگەن ئىبارىنى قوللاندى. ئەمما «Micropole» ناملىق سۈنئىي ئەقىل مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدىن جېروم مالزاك: «بىر نەرسە ھەقسىز بولغاندا، مەھسۇلات سىزدۇر. بۇ ھەممىمىز ئازدۇر-كۆپتۇر ھېس قىلىۋاتقان بىر خەتەر. ئەمما قىممەت تاپقانلىقىمىز ئۈچۈن بۇنى قوبۇل قىلىمىز» دېدى. ئەگەر بۇ قاراش توغرا چىقسا، ئېلان بەرگۈچىلەر دۇنيادىكى تور ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈستىدىكى تەسىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان سۈنئىي ئەقىل دولقۇنىدىن خۇشاللىق بىلەن پايدىلىنىدۇ.
ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكۈچى
«Direct Online Marketing»نىڭ باشلىقى جاستىن سېيبېرت بولسا: «بۇ پۈتۈن ساھە ئۈچۈن ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكۈچى بولىدۇ. ”ChatGPT“ ۋە باشقا چوڭ تىل مودېللىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىشقا ئايلىنىش نىسبىتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن كۆرۈۋاتىمىز» دېگەن باياننى بەردى. «HSBC» بانكىسى ئانالىزچىلىرىنىڭ بىر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ئەقىل ياردەمچىلىرى 2030-يىلىغىچە تور ئېلان بازىرىنىڭ يۈزدە ئىككى پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى «Target» تاللا بازىرى زەنجىرى ۋە يۇمشاق دېتال ئىشلەپچىقارغۇچى «Adobe» قاتارلىق نۇرغۇن ماركىلار ھازىردىن باشلاپ بۇ يېڭى قانالدا كۆرۈنۈشچان بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېكرانىدىن بىر ئېلان ئورنى سېتىۋېلىشتىن سىرت، شىركەتلەر ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاراڭ ئۇچقۇلىرىنىڭ تەبىئىي جاۋابلىرى ئارىسىدا كۆرۈنۈشىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
«ئەگەر ماركىڭىز پاراڭچى بوتلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمىسا، سىز ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس»
«GEO» (Generative Engine Optimisation — ھاسىلىي ماتورنى ئەلالاشتۇرۇش) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئۇسۇل، گۇگۇلنىڭ تور دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغان «SEO» (ئىزدەش ماتورىنى ئەلالاشتۇرۇش) ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلغان شەكلىدۇر. فىرانسىيەنىڭ «GEO» ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى «GetMint»نىڭ خوجايىنى جوئان بۇركوۋىچ: «سىز ياراتقان مەزمۇننىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن قىممەت دەپ قارىلىشىنى ۋە توغرا يەرلەرگە تارقىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان 90 قائىدىنى بېكىتتۇق» دېدى ھەمدە شىركەتنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە «Lacoste»قا ئوخشاش مودا ماركىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 خېرىدارى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مالزاك ئىلمىي ماقالىلەرگە مەنبە كۆرسىتىش، تور بېكىتىڭىزگە «كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار» بۆلۈمى قوشۇش ۋە تەرتىپلىك، مۇنتىزم يېڭىلىنىدىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا ئوخشاش تېخنىكىلارنى تەكىتلەپ: «ئەگەر ماركىڭىز پاراڭ ئۇچقۇلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمىسا، بەزى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن سىز ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلىكتۇر» دەپ ئاگاھلاندۇردى.













