2025-يىلى4-ئاينىڭ29-كۈنى
يېقىنقى كۈنلەردە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ نوپۇسى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان كەشمىرنىڭ ساياھەتچىلەر ئېقىنى ئارقىلىق باياشادلىققا ئېرىشكەنلىكى، بىراق ھازىر بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئېيتقان سۆزلىرى دىققەتلەرنى تارتتى.
ھالبۇكى، ئالدىنقى قاتاردىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارى كەشمىرلىك ئاكتىپ ۋە «ئادالەت فوندى» نىڭ دىرېكتورى دوكتور مۇزەممىل ئەييۇب تاكۇرنىڭ قارىشىچە، كەشمىرلىكلەرنىڭ خەلق شىكايەتلىرى ھەل قىلىنمىغان بىر مۇھىتتا، نورماللىشىش ھەققىدە ئېيتىلغان بارلىق بۇ گەپلەر كىشىنى ئويغا سالىدىغان بىر ساختىلىقتىن ئىبارەتتۇر.
تاكۇر بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ت ر ت ۋورلد (TRT WORLD ) قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كەشمىرنى نورمال كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ، كەشمىرنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى تىنجىتىش ۋە ئۇنىڭ «مۇستەملىكىچى بىر ئىشغالىيەت» دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەزىيەتنى قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تاكۇر: «ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ھالغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ، بىراق مۇستەقىللىققا ئېلىپ بارىدىغان يول ناھايىتى ئاددىي» دېدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تالاش-تارتىشلىق رايوندا خەلقنىڭ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشىنى كۆزدە تۇتقان قارارلىرىغا ئىشارەت قىلدى.
تاكۇر 2025 - يىلى يانۋاردا ئېلان قىلىنغان ۋە ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا قاتتىق ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغان ئوكسفورد بىرلىكىدىكى سۆزىدە، كەشمىرنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تىمور، جەنۇبىي سۇدان ۋە ھەتتا شوتلاندىيە قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ سىياسىي كېلەچىكىنى بەلگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇستەملىكە مىراسى
تاكۇر يەنە ھىندىستاننىڭ ئۆزىنى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلغان مۇستەملىكە دەۋرىدىن كېيىنكى بىر دۆلەت دەپ تونۇشتۇرۇشىنىمۇ تەنقىد قىلدى. بۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى زاماندىكى ھىندىستاننى ئۆزى بىر «مۇستەملىكىچى» دەپ سۈپەتلىدى ۋە «ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەنلىكى بۇنىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ۋاقىت مۇستەملىكىچىلىكنى قانۇنىي ھالغا كەلتۈرەلمەيدۇ» دېدى.
تاكۇر كەشمىر، جۇناگادھ ۋە ھەيدەرئاباد قاتارلىق 1947-يىلدىكى بۆلۈنۈشتىن كېيىنكى تالاش-تارتىشلارغا تولغان ۋاقىتلاردا ھىندىستانغا قوشۇلغان پادىشاھلارنى ئىشارەت قىلىپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى كېڭىيىشىنىڭ ئىمپېرىيالىستىك كۈچلەرنىڭ مەجبۇرلاش تاكتىكىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ كۆز قاراش كەڭ دائىرىلىك ئاكادېمىك مۇنازىرىلەردە ئىنكاس قوزغايدۇ. ئا.گ. نۇرانى قاتارلىق تارىخچىلار ۋە مۇستەملىكە دەۋرىدىن كېيىنكى نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرى، ھىندىستاننىڭ بۇ ئۆلكىلەرنى بىرلەشتۈرۈشىنىڭ خەلقلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى ئۆزىگە ئاساس قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
تاكۇر ھىندىستاننىڭ گەندىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى مىراسىغا، رەڭلىك مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىغا ۋە يوگا بىلەن بوللىۋۇدنىڭ دۇنياۋىي شۆھرىتىگە ئاساسلانغان پروجېكسىيەسىنى، مودى ھۆكۈمىتى ئاستىدا بېسىمنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر رېئاللىقلىرىنى يوشۇرىدىغان بىر «ماركا» ھالىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھىندىستان 2019-يىلى ئاۋغۇستتا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئاپتونوم رايونلۇق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى 370 - ماددا بىكار قىلىنىغاندىن بۇيان رايوننىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى يېڭى مەبلەغ سېلىش، ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ ئېشىشىنى، ئىلگىرىلەشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆپ تىلغا ئالماقتا.
تاكۇر بۇ باياناتلارنى رەت قىلىپ، «تەرەققىياتنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى كەشمىرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاشۇرمىدى. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشى ئۆزگەرمىدى» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرا چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2019 - يىلدىن كېيىنكى كەشمىردە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكلىرى ئۈستىدىكى بېسىملار، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنلار ۋە مۇخبىرلار بىلەن سىياسىي ئاكتىپلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر داۋاملاشماقتا.
ئۆتكەن يىلى ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىلىرى رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ يىل (2025) نىڭ باشلىرىدا، كەشمىردە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ گۇمانلىق مۇھىتتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە دوكلاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوقاپ كېتىشلەر، نازارەتتىكى چاغدا ئۆلۈشلەر ۋە دىنىي رەھبەرلەرنىڭ قورقىتىلىشى، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا تەشۋىش پەيدا قىلدى.
تەۋسىيە









