خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسدىىكى قانلىق توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
ئافغانىستان چېگرا توقۇنۇشلىرىدا 55 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، پاكىستان بولسا، 415 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسدىىكى قانلىق توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسدىىكى قانلىق توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا / AP

كابۇل چېگرا بويىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان توقۇنۇشلاردا 55 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. پاكىستان بولسا 400 دىن ئارتۇق ئافغانىستان تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما پۇقرالارنى نىشانلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ھەمدۇللاھ فىترەت يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاكىستان بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 55 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ھەمدۇللاھ فىترەت پەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بولغان 55 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە X ھېسابىدا ئايرىم ئېلان قىلغان باياناتىدا، يارىلانغانلار سانىنىڭ 69 غا يەتكەنلىكىنى ۋە پۇقرالارغا تەۋە ئاز دېگەندە بىر نەچچە ئون ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

باياناتچى ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ پاكتىكا، خوست، كۇنار، نانگارھار ۋە قەندىھار ۋىلايەتلىرىدە رۇيخەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا پاكىستان «ئۆزىنى قوغداش» تىرىشچانلىقلىرىنىڭ پۇقرالارنى نىشانلىمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پاكىستان ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى ئاتتائۇللاھ تارار يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلاردا ئافغانىستان تالىبانىغا ئەزا 415 كىشىنىڭ ۋە گۇمانلىق تېررورچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 580 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

كابۇل بولسا چېگرا توقۇنۇشلىرىدا 56 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك، كابۇلنىڭ فېۋرال ئېيى ئاخىرىدا پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن چېگرا بويىدا «ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى» باشلىغاندىن بۇيان يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا.

چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە 81 كىشى ئۆلگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە 12 پاكىستان ئەسكىرى ۋە بىر پۇقرا بار. كابۇل بولسا توقۇنۇشلاردا 13 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 55 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىر پاكىستان ئەسكىرى يوقاپ كەتكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US backs Pakistan's 'right to defend itself' against interim Afghan Taliban government

ئىسلامئاباد ۋە كابۇلنىڭ تالافەت دەۋالىرى تېخى دەلىللەنمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پاكىستان تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك مەنبەلىرىگە تايىنىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان شەنبە كۈنى كىللا سەيفۇللاھ رايونىدا «تېررورچىلارنىڭ» سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشىنى توسۇپ قالغان.

تېلېۋىزىيە قانىلى «پاكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىش ئۇرۇنۇشىنى توسۇپ قېلىشىدىن كېيىن كۆپلىگەن تېررورچىلار ئۆلتۈرۈلدى» دەپ بايانات بەردى.

پاكىستان فېۋرال ئېيى ئاخىرلىرىدا «تېررور نىشانلىرىغا» ھاۋا ھۇجۇمى ئۇيۇشتۇرۇپ 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئافغانىستان دائىرىلىرى ۋە ب د ت پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، پاكىستان بۇ دەۋالارنى رەت قىلماقتا.

پاكىستاننىڭ «تېررورچىلار ئافغانىستان تۇپرىقىدا پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ دەۋا قىلىشى بىلەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يېقىنقى ئايلاردا ناچارلاشقان ئىدى. كابۇل بولسا بۇ دەۋانى رەت قىلىدۇ. رايون خاراكتېرلىك دىپلوماتىك ئالاقىلەر داۋاملاشماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - How did Afghanistan and Pakistan reach this point of escalation?
ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى