سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
كۇۋەيت ئارمىيەسى ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 1 ئىشچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى

مىسىر ئىچكى كابىنېتىمۇ تۈنۈگۈن دەميات پورتىدىكى 2 پاراخوتتا كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئىستانبۇل (ئانادولۇ ئاگېنتلىقى) – كۇۋەيت ئارمىيەسى ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى بىر خىتاي شىركىتىگە تەۋە بىنانىڭ نىشان قىلىنىشى نەتىجىسىدە بىر ئىشچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇۋەيت ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا كۇۋەيتنىڭ شىمالىدىكى خىتاي شىركىتىگە تەۋە بىر بىنانىڭ نىشان قىلىنغانلىقى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 1 ئىشچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، بىنادا ئېغىر زىيان  كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەگە مۇداخىلە قىلغانلىقى ۋە ئارمىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى ئىپادىلەندى.

مىسىر ئىچكى كابىنېتىمۇ تۈنۈگۈن دەميات پورتىدىكى 2 پاراخوتتا كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

مىسىر ئىچكى كابىنېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىمنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالمىغانلىقى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مىسىر نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەميات پورتىدىكى ئىككى تەبىئىي گاز سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە ساقلاش پاراخوتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ