سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاشكارا جاسۇس قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى تەنقىدلىدى
خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ئاشكارا ھالدا جاسۇس قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق قائىدىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاشكارا جاسۇس قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى تەنقىدلىدى
2025-يىلى6-ئاينىڭ25-كۈنى

خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ئاشكارا ھالدا جاسۇس قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق قائىدىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى قايمۇقتۇرۇلغان بارلىق جاسۇسلارنى پاش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلگىرى «نوپۇزلۇق» دەپ قارالغان ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ چەت ئەل پۇقرالىرىنى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن قايمۇقتۇرۇشى ئىستىخباراتچىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا قىلىنغان ئېغىر خىلاپلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن.

خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنى بېيجىڭغا قارشى قايتا-قايتا ئىستىخبارات ئوغرىلاش، سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خىتاينى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «يېقىندا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايچە جاسۇسلۇق قوبۇل قىلىش سىنلىرىنى تارقىتىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئاشكارا ھالدا جاسۇسلۇققا مايىل قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇ پۇختا ئىشلەنگەن ئېلانلار ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان لوگىكىسىنى ۋە ۋەھىمىچىلىك خىياللىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ.»

نامى سېسىق دۈشمەن

ئۆتكەن ئايدا  مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىگە ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقاتىنى يولغا قويغان ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنى خىتاي خادىملىرىنى ئاشكارا ھالدا ساداقىتىنى ئۆزگەرتىشكە قۇتراتقانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلەپ، بېيجىڭنىڭ تاشقىرىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ «سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق» ھەرىكەتلىرىگە قارشى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خەلقئارا تەرتىپ ۋە ئىشەنچكە زىيان سالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نامى سېسىق دۈشمىنى» بولۇپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىرلىق يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ، خەلقنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا، دۆلەت ئىچىدىكى  CIA نىڭ ئىستىخبارات تورلىرىغا ئەجەللىك زەربىلەرنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دەپ خۇلاسە قىلىندى: «بۇ خىل ئاشكارا يوللار بىلەن قايمۇقتۇرۇلغان ھەر قانداق خائىن ياكى ئىچكى جاسۇس، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن چوقۇم پاش قىلىنىدۇ ۋە قانۇنىي جازاغا تارتىلىدۇ. ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەبىئىي ھالدا مەغلۇبىيەت پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ كېتىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ترامپ ۋېنگىرىيەگە قارىتىلىدىغان جازانى بىر يىل كېچىكتۈردى
خىتاي گوللاندىيەنى نېكسپېرىيا مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ G20 باشلىقلار يىغىنىنى بايقۇت قىلدى
سېئۇل: شىمالىي كورېيە ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
جېنسېن خۇاڭ: خىتاي سۈنئىي ئەقىلدە ئامېرىكادىن نانوسېكۇنت ئارقىدا
فلورىدا سوتنىڭ قارارى بويىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ
مامدانى نىيۇ يورك تارىخىدا شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان مۇسۇلمان نامزات بولۇپ قالدى
پۇتىن رۇسىيەدە سىيرەك توپا قېزىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىدىن پىلان تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ مامدانىنىڭ مالىيە ياردىمىنى كېسىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
ترامپ: مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرى ساناقلىق
«ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ئالاقە قاناللىرىنى ئاچىدۇ»
پاكىستان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى 3 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى
مالدىۋې ئاراللىرى دۇنيادىكى تۇنجى ئەۋلادلار ئارا تاماكا چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى
تانزانىيەدە زوراۋانلىق ۋە نامايىشلار سايىسىدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 15 ياشلىق پەلەستىنلىك بىر بالىنى ئۆلتۈردى
موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى تورمۇزلاپ قويدىمۇ؟
مېرز: تۈركىيە بىلەن  بولغان يېقىن شېرىكلىكىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمەن
ترامپ: شى جىنپىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدۇ
ترامپ ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىشى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈردى