گۇتېررېس: تۈركىيە سۈرىيەدە مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتتىكى تەرەپلەرنى قايىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئانتونىيو گۇتېررېس تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقى ۋە ئىدلىبتىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتقان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتتىكى تەرەپلەرنى قايىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گۇتېرېس سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئۇ، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائېشنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«سۈرىيە خەلقى ۋە ئىدلىبتىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتقان تۈركىيە، سۈرىيەدە كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتتىكى تەرەپلەرنى قايىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.»
گۇتېررېس سۈرىيەگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش-قالدۇرۇلماسلىقىغا دائىر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ نىشانى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەمدى ئەھۋال ئۆزگەردى.»
باش كاتىپ گۇتېررېس ھازىر سۈرىيەدە ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ باشلانغانلىقىنى، ئەمما بۇ دۆلەتتىكى پاجىئەلىك ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، ھېچبولمىغاندا سۈرىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىدا تېز قەدەم تاشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، پۈتۈن جازا تەدبىرلىرىنىڭ شەرت – شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
8-دېكابىر كۈنى سۈرىيەدە 61 يىللىق بەئىس ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان، ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر بەششار ئەسەد دۆلىتىدىن قېچىپ كەتكەنىدى.