ترامپ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يوشۇرۇن يادرو سىناقلىرى قىلغانلىقىنى ئىلگرى سۈردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ باياناتلىرى، 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى قايتا باشلاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ ئۈچ كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىنى سىناق قىلىدىغان بىردىنبىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭمۇ سىناق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، بۇ باياناتنى CBS News قانىلىنىڭ «60 مىنۇت» ناملىق پىروگراممىسىغا بەرگەن زىيارىتى جەريانىدا بىلدۈردى.
پىروگرامما رىياسەتچىسى نورا ئودوننېلنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىنى سىناق قىلىدىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدىن كېيىن، رىياسەتچىنىڭ سۆزىنى بۆلگەن ترامپ، «رۇسىيە سىناق قىلىۋاتىدۇ، خىتايمۇ سىناق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ھېچكىم بۇ توغرىدا سۆز قىلمايدۇ» دېدى. ترامپنىڭ بۇ باياناتلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يادرو قورال سىناقلىرىنى قايتا باشلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ ئۈچ كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.
«باشقا دۆلەتلەر سىناق قىلىۋاتىدۇ. بىز سىناق قىلمايدىغان بىردىنبىر دۆلەتمىز ھەمدە مەن سىناق قىلمايدىغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇشنى خالىمايمەن» دېگەن ترامپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قوراللىرىنى قەيەردە سىناق قىلغانلىقىنى «چوقۇم بىلىش»نىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
غايەت زور يادرو كۈچى
يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەكچى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ترامپ، بۇ قوراللارنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن سىناق قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. «بۇ لوگىكىلىق ئەمەسمۇ؟ يادرو قورالى ياسايسىز، ئاندىن سىناق قىلمايسىز. بۇنى قانداق قىلىسىز؟ ئىشلەپ-ئىشلىمەيدىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز؟» دېدى.
ترامپ يەنە ئامېرىكانىڭ «غايەت زور يادرو كۈچىگە» ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كۈچنىڭ «ھەرقانداق بىر دۆلەتتىن كۆپ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. «رۇسىيە ئىككىنچى ئورۇندا. خىتاي بولسا كۆپ ئارقىدا ئۈچىنچى ئورۇندا، ئەمما بەش يىل ئىچىدە تەڭلىشىدۇ. بىلىسىلەر، ئۇلار تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ ھەمدە مېنىڭچە يادرو قورالسىزلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر نەرسە قىلىشىمىز كېرەك... دۇنيانى 150 قېتىم يوق قىلىدىغان يادرو قوراللىرىمىز بار. رۇسىيەنىڭمۇ كۆپ يادرو قوراللىرى بار ھەمدە خىتاينىڭمۇ كۆپ بولىدۇ» دېدى.