يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئالتۇن تۇنجى قېتىم 4500 دوللاردىن ئاشتى

جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىقلار بىلەن فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (Fed) نىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى.

By
يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئالتۇن تۇنجى قېتىم 4500 دوللاردىن ئاشتى / AP

چارشەنبە كۈنى ئالتۇن، ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىتىلىش مۆلچەرىگە ئائىت ئەندىشىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۇنسىيەسى 4525.96 دوللار بىلەن رېكورت ياراتتى.

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى تۈركىيە ۋاقتى 08:50 ئەتراپىدا ئۇنسىيەسى 4495.9 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق ئاساستا قىممىتى تەخمىنەن %72 ئۆتلىگەن بولدى.

كۈمۈش باھاسىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، تارىخىي سەۋىيە بولغان 72.7 دوللارغا چىقتى. كۈمۈشنىڭ قىممىتى ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە تەخمىنەن 144% بولۇپ خاتىرلەندى.

بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ مۆلچەردىكىدىن كۈچلۈك ئېشىشىدىن كېيىن، يەر شارى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىلەر بىلەن بىرگە 2026-يىلى قوشۇمچە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىغا بولغان مۆلچەرلەر، خەۋپسىز پاناھگاھلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى.

ئامېرىكانىڭ ئومۇمىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) ئۈچىنچى پەسىلدە يىللىق%4.3 نىسبىتىدە ئېشىپ بازار مۆلچەرىدىن ھالقىپ كەتتى ۋە ئۆتكەن ئىككى يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى ياراتتى.

ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا بىلەن مۇناسىۋەتلىك نېفىت چەكلەش ئىشلىرىغا قارىتا نازارەت ۋە ئېمبارگو پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرۇشى بىلەن ۋاشىنگتون بىلەن كاراكاس ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك كۈچەيمەمكتە. بۇ ئەھۋال يەر شارى خام نېفىت ئېقىمىدا كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئۈزۈلۈشلەرگە قارىتا يېڭى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيادىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئېنىقسىزلىقنىمۇ ئاشۇرماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت كىرىمىنى ئامېرىكىغا قارىتىلغان «قانۇنسىز» كۆچمەنلىك ۋە «زەھەرلىك چېكىملىك توشۇش» نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ئۆرلەشنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، مەركىزىي بانكىلارنىڭ زاپاسلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئالتۇن سېتىۋېلىشى دەپ قارالماقتا.