ئەنگلىيەدە 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىسرائىلىيەنى مۇسابىقىلەردىن چەكلەش ئىلتىماستىنى ئىمزالىدى
ئەنگلىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە كوماندىسىنى خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىن چەكلەش ئىلتىماسىغا 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويدى.
پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەس بولۇش ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە ۋېمبلېيدىكى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە تاپشۇرۇلغان ئىلتىماستا، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن ئاستون ۋىللا كوماندىسىنىڭ ماككابى تېل ئاۋىۋ كوماندىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئەنگلىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىن چەكلىنىشى ۋە ئاستون ۋىللا كوماندىسى بىلەن ماككابى تېل ئاۋىۋ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ بىكار قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىلتىماسقا نەچچە ئون مىڭ كىشى ئىمزا قويدى.
ئەنگلىيەدىكى پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەس بولۇش ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە 25 مىڭ كىشى ئىمزا قويغان ئىلتىماس، مۇنبەرنىڭ مۇدىرى لېۋىس باكون تەرىپىدىن ۋېمبلېي تەنتەربىيە مەيدانىدا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە تاپشۇرۇلدى.
باكون ۋېمبلېي تەنتەربىيە مەيدانى ئالدىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلغان بىر دۆلەتنىڭ كوماندىلىرىنىڭ خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئاستون ۋىللا كوماندىسى پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ماككابى تېل ئاۋىۋ كوماندىسىنى ئۆز مەيدانىدا كۈتۈۋالىدۇ.
غەربىي مىدلاندس رايونلۇق ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى ئۇچۇرلارغا ۋە ئىلگىرىكى ۋەقەلەرگە ئاساسەن بۇ مۇسابىقە «يۇقىرى سەۋىيەدە خەتەرلىك» دەپ تۈرگە ئايرىلغان.
شەھەر باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىخەتەرلىك مەسلىھەت بېرىش گۇرۇھىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، مېھمان كوماندىنىڭ مەستانىلىرى تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرگۈزۈلمەيدىكەن.