يېڭى سۈرىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېدى
گۇتېررېس سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى «ئەل-ئىخبارىيە» (El İhbariye) گە بايانات بەردى.
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك»  دېدى
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېدى.

گۇتېررېس، سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى «ئەل-ئىخبارىيە» گە بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

گۇتېررېس: «ئىسرائىلىيە سۈرىيەنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك. ئىسرائىلىيەنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى ھەمدە سۈرىيەنىڭ ئۆز كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

گۇتېررېس، سۈرىيەگە قارىتىلغان بىر قىسىم ئېمبارگولارنىڭ ھەقەتەن يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇپ تورۇۋاتقانلىقى تەرەپكە ئىشارەت قىلىپ، بۇلارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئېنىق ئەمەلىي ماددىي ياردەم ئاجرىتىپ، مالىيە ياردىمى بېرىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەنى قوللاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن باش كاتىپ: «سۈرىيە، رايونلۇق مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى» دېدى.

ب د ت باش كاتىپى، ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىشى قىين قىستاققا ئۇچرىغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن سەدنايا تۈرمىسىنى زىيارەت قىلغاندا چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يوقالغان كىشىلەرنىڭ ئامان-ئېسەن ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈكمۇ بىلىنمەسلىكىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ كۆپ تەسىر قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ قايتىپ كېلىشى

سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان گۇتېررېس، ئۆز ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنتايىن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇتېررېس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھايات قالغۇچىلارغىمۇ زۆرۈر بولغان ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.

دۆلەت ئىچىدە ئۆز ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن گۇتېررېس، سۈرىيەنىڭ قايتىدىن مۇقىملىققا ئېرىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق قوللاشنىڭ ئەھمىيىتى تەرەپكە  دىققەتلەرنى تارتتى.

گۇتېررېس يەنە، ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن 15 يىل بويىچە سۈرىيەنى زىيارەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ زىيارەتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى